پارىژدا چاقىرىلىدىغان 6-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر خانىم-قىزلار يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئاخىرلاشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.04.16
uyghur-ayalliri-kursi-turkiye-2012-305.png 5 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى بىلەن تەربىيىلەش كۇرسىنڭ ئايال ۋەكىللىرى ۋە باشقا قاتناشقۇچىلار
RFA/Erkin Tarim

6-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى» نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاخىرلاشتى. بۇ نۆۋەتلىك يىغىن فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژدا چاقىرىلىدىغان بولۇپ، يىغىنغا ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىيە قاتارلىق 20 دۆلەتتىن 120 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئايال قاتنىشىدىكەن. ئۈچ ئايدىن بۇيان تەييارلىق خىزمەتلىرىنى  قىلىۋاتقان فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەكبەر يۈسۈف بىلەن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەرنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يىغىن 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. 20-چېسلادىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا فرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى، فرانسىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم كۆپ ساندا مۇخبىر، ژۇرنالىستلار تەكلىپ قىلىنغان. بۇ يىغىن جەريانىدا يەنە خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرىمۇ ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

مەزكۇر يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ھازىر پارىژدا تەييارلىق خىزمەتلىرىنى قىلىۋاتقان سېيىت تۈمتۈرك ۋە ئەكبەر يۈسۈپ ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

«ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنى ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى» نىڭ بۇرۇنقىلىرى ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، ئېستونىيە ۋە تۈركىيىنىڭ ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.