9 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر پۇتبولچىنىڭ خېبېيدا مەكتەپكە كىرىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.10.13
putbol-balilar-qeshqer-kocha.jpg كوچىلاردا پۇتبول ئويناۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر. 2016-يىلى 29-ماي، قەشقەر.
XINHUA

ئەركىن ئاسىيا رادىيومىز خىتاي بۆلۈمى دەلىللىگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۈي «لى لىياڭ» (كۈچ قۇدرەت) پۇتبول كۇلۇبىغا بۇ يىل يازدا ئۇيغۇرلاردىن 9 نەپەر ياش ئۆسمۈر پۇتبول نوتىلىرى قوبۇل قىلىنغان، ھالبۇكى بۇ جايدىكى بىخەتەرلىك تارماقلىرى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە، تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا خىلاپ» دېگەنلەرگە تاقاپ، بۇ بالىلارنىڭ مەكتەپتە نورمال دەرس باشلىشىغا توسالغۇ ياراتقان. ئۇلار بۇ بالىلارنى ئېلىپ قېلىش بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى تۇغدۇرىدۇ دەپ باھانە كۆرسەتكەن. ھازىر بۇ بالىلاردىن 4 ئى يۇرتلىرىغا قايتىپ كەتكەن، 5 نەپىرى ئۆزلىرىنىڭ پۇتبول چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يولۇققان بۇ توسالغۇنى يېڭىش ئۈمىدىدە قېلىپ، دائىرىلەردىن داۋاملىق ئادالەت ۋە يول ئىزدىمەكتە ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلەرگە قاراتقان بۇ خىل كەمسىتىش ۋە زوراۋانلىقىنى، خىتاي ئۆزى قول قويغان ئىنسان ھەقلىرى قانۇنلىرىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق، دەپ ئەيىبلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت پۇتبول چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، ئالاقىدار تارماقلار پۇتبولچىلار بۆشۈكى ئۇيغۇر ئېلىدىنمۇ ئىزباسار تەربىيىلەشكە مەخسۇس پىلان ۋە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇۋاتقان ئىدى، پۇتبول ھەرىكىتىنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇشنىڭ پۇتبولچىلىقنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، رايوندا بۇ جەھەتتىكى بوشلۇق بولغاچقا، خىتايدىكى پۇتبول كۇلۇبلىرى ۋە مۇنتىزىم كەسپىي پۇتبول مەكتەپلىرىگە تايىنىشقا توغرا كەلگەن. پۇتبول مەكتىپىدەك پۇتبول نوتىلىرىنى بايقاپ، ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا مۇنتىزىم، سىستېمىلىق تەربىيىلەش ۋە خىتاي پۇتبول ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە لايىقلاشقان تالانتلىق پۇتبولچىلارنى يېتىشتۈرۈش، دۆلەت كوماندىسى ۋە كەسپىي پۇتبول كۇلۇبلىرىغا مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى مەقسەت قىلىپ، نۆۋەتتە بەزى خىتاي پۇتبول كۇلۇبلىرىمۇ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان ئىدى.

بۇ يىل يازدىن باشلاپ،خىتاينىڭ خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۈي شەھىرىدىكى «لى لياڭ» (كۈچ قۇدرەت) پۇتبول كۇلۇبىغا ئۇيغۇر بالا پۇتبولچىلاردىن 9 نەپىرى تاللاپ قوبۇل قىلىنغان. بۈگۈن يەنى 13-ئۆكتەبىر رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىگە ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، بۇ 9 نەپەر بالىنىڭ مەكتەپتە نورمال ئوقۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان.

رادىيومىز خىتاي بۆلۈمى مۇخبىرىنىڭ شۇ جايدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە بۇ بالىلارنىڭ تېرىنېرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ دەلىللىشىگە قارىغاندا. بۇ يىل يازدا خېبېيغا ئېلىپ كېلىنگەن بۇ توققۇز نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر، تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق كېلىشىملىرىگە ئاساسەن لى لياڭ پۇتبول كۇلۇبىدا تېرىنېرىنىڭ يېتەكلىشىدە مۇنتىزىم كەسپىي پۇتبول تەربىيىسىنى ئالغاندىن باشقا، مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇشىنىمۇ شۇ جايدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە تاماملىشى كېرەك ئىكەن، ئەمما بالىلارغا مەسئۇل ئۇيغۇر تېرىنېر بۇ بالىلارنى لى لياڭ كۇلۇبىغا تىزىمغا ئالدۇرۇش جەريانىدا بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ قاتتىق توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان.

ترىنېرنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىغاندا، بۇ 9 نەپەر ئۇيغۇر بالىنىڭ بارلىق زۆرۈر رەسمىيەتلىرى تولۇق بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپمۇ ئۇلارنى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلغان. ئەمما خېڭشۈي شەھەرلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تارماقلار بۇ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر بالىلارنى قوبۇل قىلىشىنى توسقان.

13-ئۆكتەبىر رادىيومىز خىتاي بۆلۈمى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، بۇ بالىلارغا مەسئۇل ئۇيغۇر تېرىنېر، ئۆزىنىڭ بۇ ئۇيغۇر بالىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى پۇتبول كۇلۇبلىرىغا قوبۇل قىلىنالمايدىغانلىق سەۋەبىنى ئاڭقىرالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «بۇ بالىلار ھەممىسى ئىنتايىن تالانتلىق، مەنمۇ ئۇلارنىڭ پۇتبول كۇلۇبلىرىدا مۇۋاپىق تەربىيىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەمما لېكىن بۇ جاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك، دۆلەت مۇداپىئە تارماقلىرى بۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بۇ يەردە قېلىشىنى توسۇپ، بىزنى قايتۇرۇۋاتىدۇ، بالىلار ئوقۇشسىز قالدى، بىز بەك ھەيران بولدۇق ۋە غەزەپلەندۇق، چۈنكى بىزمۇ جۇڭگو پۇقراسى، كىملىكىمىزگە شۇنداق يېزىلغان، بىزمۇ ۋەتەننى سۆيىمىز، پەقەت چىرايىمىز، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېرىمىز ئوخشىمىغاچقىلا بۇنداق ناھەقچىلىككە، توسقۇنلۇققا ئۇچرايمىزمۇ، بىخەتەرلىك ساقچى تارماقلىرىنىڭ بالىلاردىن قورقىدىغان نېمىسى بار پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم.»

بۇ تېرنېرنىڭ ئېيتىشىچە، بالىلارنىڭ نوپۇسى خېڭشۈيگە يۆتكىلىپ بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دائىرىلەرمۇ ئۇلارنىڭ نوپۇسىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئۇنىمايۋاتقان بولۇپ، بۇ بالىلار ئوقۇشتىن قالغان بىر ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. ئۇلار توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاندىن كېيىن بېيجىڭدىكى مىللەت ۋە دىن ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلاردىن ياردەم سورىغان، بۇ ئورگان بۇ بالىلارنىڭ خېڭشۈيدىكى پۇتبول كۇلۇبىدا كەسپىي تەربىيە ئېلىشى كېرەكلىكى، مەكتەپتە نورمال ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە بىر ئىسپاتمۇ چىقىرىپ بەرگەن. ئەمما دائىرىلەر، بۇنىمۇ ھازىرغىچە ئىلىك ئالمىغان.

ئىگىلەشكە قارىغاندا، ئەمەلىيەتتە لى لياڭ پۇتبول كۇلۇبىنىڭ لىدېرى، دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ بۇ 9 نەپەر ئۇيغۇر بالىنىڭ كۇلۇبقا قوبۇل قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۆزىنىڭمۇ دائىرىلەرنىڭ ھېچقانداق سەۋەبسىز بۇ بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە بۇنچە توسقۇنلۇق يارىتىشىدىن ھەيران بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھازىر بۇ توققۇز نەپەر بالىنىڭ 4 ئى ئامالسىز يۇرتلىرىغا قايتقان بولسىمۇ، تېرىنېر ۋە يەنە بەش نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر پۇتبولچى پۇتبول چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئىرادىسىدىن يانماي داۋاملىق ئۈمىد بىلەن جاۋاب كۈتمەكتە ئىكەن.

خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، بۇ ئۇيغۇر پۇتبول نوتىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە توسقۇنلۇققا ۋە ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ ئەندىشىسىنى قوزغىدى ۋە ئىنكاس پەيدا قىلدى. بۇ ھەقتە بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، قۇرۇلتاي نامىدىن پۇتبولچى ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ نورمال تەربىيىلىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان دائىرىلەرنى ئەيىبلەپ، شۇ جايدىكى بىخەتەرلىك تارماقلىرى دۆلەت بىخەتەرلىكى، تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا خىلاپ دېگەنلەرگە تاقاپ، بۇ بالىلارنىڭ مەكتەپتە نورمال دەرس باشلىشىغا توسالغۇ ياراتقانلىقى پۈتۈنلەي قانۇنغا ۋە خىتاي ئۆزى قول قويغان ئىنسان ھەقلىرى كېلىشىملىرىگىمۇ خىلاپ ھەرىكەت، ھەددىدىن ئاشقان مىللىي كەمسىتىش، دۆلەت زوراۋانلىقى، بىز دائىرىلەرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇققا دەخلى قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز دەپ كۆرسەتتى ۋە بۇنىڭ پۈتۈن پۇتبول ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىشى كېرەك بولغان بىر مەسىلە بولۇپ قالماستىن، ئىنسان ھەقلىرىنى ئۆلچەم قىلغان ھەر قانداق دۆلەت ۋە ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تېگىشلىك مەسىلە، دۆلەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پۇتبول ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش جەمئىيەتلىرىنىڭ ئىناۋىتىگە، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە تەسىر قىلىدىغان زور مەسىلە دەپ ئاگاھلاندۇردى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرى، بىخەتەرلىكى دەخلىگە ئۇچرىغان بۇ بالىلارغا مەسئۇل ئورۇن ۋە ئاتا-ئانىلارنىمۇ ئەڭ تىز سۈرئەتتە بالىلىرىنىڭ قانۇن مەنپەئەتىنى قوغداشتا كېرەكلىك تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.