بىر ئەسىرنىڭ گۇۋاھچىسى - ئايىمخان قەمبەراخۇن قىزى
2018.08.17
قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى ئايىمخان ئانا قەمبەراخۇن قىزى يۈز يىللىق تەۋەللۇتىنى نىشانلىماقتا. ئايىمخان ئانا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەر شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق مەزگىللىرىنى غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن. 90 ياشتىن ئاشقان تەۋەررۈك ئانا-ئايىمخان ھاجىم ئۆزىنىڭ ھاياتىي بويى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە ئۇدۇملىرىنى ساقلاپ كەلگەن شۇنداقلا ئۇنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرغان. ئايىمخان ئانا يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىر ئەسىرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتكەن ئەسىردىن بۇيان بېشىدىن ئۆتكۈزگەن سەرگۈزەشتلىرى ۋە ئۇچرىغان قىسمەتلىرىگە شاھىت بولۇپ كەلگەن.
رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تەۋەررۈك ئانا ئايىمخان ئۆز ھاياتىدىن ئەسلىمىلەرنى تەقدىم قىلىپ ئۆتتى. ئايىمخان ئانا ياش مەزگىللىرىدە يولدىشى ئۆمەرخاندىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان ئىكەن. شۇ يىللاردا يولدىشى ئۆمەرخان ئىلىدا قوزغالغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ ئاكتىپلىق بىلەن ئەسكەر بولىدۇ. ھالبۇكى، يولدىشى گومىنداڭ ئەسكەرلىرى بىلەن بولغان جەڭلەرگە قاتنىشىپ، ئۈچ ئايدىن كېيىن ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى كېلىدۇ. ئايىمخان ئانا يالغۇز قىزى ھەجەربۈۋى بىلەن قالىدۇ. ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ، دادىسى قەمبەراخۇنمۇ ۋاپات بولىدۇ.
«مېنىڭ يولدىشىم ئۆمەرخان غۇلجىدا ئىنقىلاب بولغاندا ئەسكەر بولۇپ، ئۇرۇشقا كەتتى. ئارىدىن ئۈچ-تۆت ئاي ئۆتكەندە ئۆلۈم خەۋىرى كەلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن قېينانامنىڭ قولىدا قېلىپ بىر يىل ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلدىم. ئۇ چاغلاردا قىزىم 8 ياش ئىدى. ئارىلىقتا دادام ئۆلۈپ كەتتى، بىر يىلدىن كېيىن ئاپام مېنى قېينانامدىن سوراپ ئېلىپ كەتتى. قېينانامنىڭ قىزى يوق تۆت ئوغلى بار ئىدى. شۇڭا قىزىم ھەجەربۈۋىنى ئېلىپ قالدى. بىر يىلدىن كېيىن مەن قايتا تۇرمۇشلۇق بولدۇم، بىراق بالا يۈزى كۆرەلمىدىم. پەقەت شۇ بىرلا قىزىم بىلەن قالدىم.»
ئايىمخان ئانىنىڭ بايان قىلىشىچە، 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلغاندىن كېيىن بارا-بارا ۋەزىيەت قىيىنلىشىدۇ. بېسىم ۋە مىللىي زۇلۇم كۈچىيىدۇ. غۇلجىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدىكى 5 يىللىق ئازادلىق مەنزىرىسىدىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. 1955-يىلى ماي ئېيىدا ئايىمخان ئانا يولدىشى ۋە قىزى بىلەن بىرلىكتە ئۆز ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ، سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىگە كۆچۈپ چىقىدۇ ھەمدە بىشكەك قېشىدىكى نىژنېچۇيسك يېزىسىدا ئولتۇراقلىشىدۇ.
ئايىمخان ئانا بۇ يىللاردىكى كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاتا-ئانام ۋە قېرىنداشلىرىمنىڭ ھەممىسى غۇلجىدا قالدى. يولدىشىم ۋە قىزىم ئۈچىمىز 1955-يىلى قىرغىزىستانغا كەلدۇق. بىزنى نىژنېچۇيسككا ئورۇنلاشتۇردى.»
ئۆزىنىڭ مېھنەت سۆيەرلىكى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن ياشىغان ئايىمخان ئانا كېيىنچە نىژنېچۇيسك يېزىسىدىن كۆچۈپ بىشكەك شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىدۇ. بالا-چاقىلىرى ۋە نەۋرە-چەۋرىلىرىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتى تىل ئالاھىدىلىكى ۋە مىللىي كىملىكى بىلەن تەربىيەلەيدۇ. ئايىمخان ئانا مىجەزى ئوچۇق-يورۇق ۋە خۇش كەيپىيات كىشى بولۇپ، 90 ياشتىن ئاشقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ بەزىدە ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، ئۆز كەيپىياتىنى خوش قىلىدۇ. ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا ئىلى خەلق ئاھاڭلىرىدىن بىرىنى ئېيتىپ بەردى.
سۆھبىتىمىز داۋامىدا ئايىمخان ئانىنىڭ يالغۇز قىزى ھەجەربۈۋىمۇ ئۆز پىكىرلىرىنى قوشتى. ھەجەربۈۋى ھازىر قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەردە ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋپى كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ قاتتىق پەرىشان بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ئائىلىدە بالىلارنىڭ قەلبىگە كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئانا تىلنىڭ مۇھەببىتىنى سىڭدۈرۈش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.
ھەجەربۈۋى ھاجىم يەنە زىيارىتىمىز داۋامىدا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتقان ۋەزىيەت ھەمدە ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنىڭ يوقلۇقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يۈز ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان، بىر ئەسىرنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان ئايىمخان ئانا زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئامان-ئېسەنلىكى، كەلگۈسى ئىستىقبالى، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.