85 ياشلىق غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى «ئالتۇن ئوق» ناملىق ئىلمىي تور بەت ئاچتى

0:00 / 0:00

يېقىندا ئۇيغۇر تارىخى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە باشقا تۈرلۈك ساھەلەرگە دائىر كىتاب-ماتېرىياللارنىڭ ئېلېكترونلۇق نۇسخىسى قويۇلۇشقا باشلىغان «ئالتۇن ئوق» ناملىق تور بەت دۇنياغا كۆز ئاچتى.

بۇ تور بەتنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق بۇ يىل 85 ياشقا كىرگەن، پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى تىزىمغا ئالدۇرغان.

«ئالتۇن ئوق» ناملىق بۇ تور بەت ئىلمىي ۋە ئاكادېمىك ئۆلچەمدە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ئۈچۈن كىتاب-ماتېرىياللار ھەمدە تارىخىي ھۆججەتلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان.

ئۇنىڭغا غۇلامىدىن پاختا ئەپەندىنىڭ ئۆمۈر بويى يىغقان ھەر خىل تىللاردىكى قىممەتلىك كىتاب-ماتېرىياللىرى، تارىخىي قوليازما ئەسەرلەر، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئەسەرلەر، 20-ئەسىردىن بۇيان ئەرەب، لاتىن ۋە كرېل ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا نەشر قىلىنغان تۈرلۈك گېزىت-ژۇرناللار، ئوتتۇرا ئاسىيا، تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەر خىل قوليازما ئەسەرلىرى ئېلېكترونلۇق نۇسخىدا قويۇلۇشقا باشلىغان.

مەزكۇر تور بەتنى بۇ ئۇلىنىشتىن زىيارەت قىلالايسىز: www.altunoq.com

غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇ تور بەتنى ئاچقانلىقىنى، تور بەتكە قويۇلغان ۋە قويۇلماقچى بولۇۋاتقان كىتاب-ماتېرىياللارنىڭ مەزمۇن دائىرىسى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە يوللىغان يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.