فاتىما خانىم: مەن ئانا تىلىمنى، دىنىمنى ئۆگەنگەنلىكىم ئۈچۈن بېسىمغا ئۇچرىدىم

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.04.24
Istanbulda-uyghur-ana-til-sinipi-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺯﻩﻳﺘﯩﻨﺒﯘﺭﻧﯘ ﺷﯚﺑﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﺪﺍ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Arslan


كېيىنكى 20 يىلدىن بېرى ھەر خىل يوللار بىلەن چەتئەلگە چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نېمىشقا چەتئەلگە چىققانلىقىنى سورىغىنىڭىزدا بۇلارنىڭ كۆپى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا چىدىيالماي چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇندىن 9 يىل بۇرۇن ئۇيغۇر دىيارىدىن چەتئەلگە چىققان، ئىسمىنىڭ فاتىما ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بىر ئۇيغۇر ئايال بىزگە بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ئاڭلاتتى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ، ئاچىسىنىڭ ئۆيىدە قۇرئان ساۋادىنى چىقىرىشقا بارغاندا خەۋپسىزلىك خادىملىرى سەن نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە كۆپ كېلىسەن؟ دەپ ئۇنىڭ پېيىگە چۈشكەن. كېيىنچە ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە بالىلارنى يىغىپ قۇرئان ۋە ئۇيغۇر تىلى ئۆگەتكەن. بۇنى بايقىغان خىتاي خەۋپسىزلىك خادىملىرى ئۇنىڭ ئىنىسىنى سولاپ، قىيىن - قىستاققا ئېلىپ كۆپ قىينىغان، كېيىن ئۇكىسى 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۆز يۇرتىدا ياشاش ئىمكانى قالمىغان فاتىما خانىم ئۈرۈمچىگە قېچىپ چىقىپ كىتاب سېتىپ جان بېقىشقا باشلىغان.

جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى ئۇنى ئۈرۈمچىدىمۇ راھەت قويۇپ بەرمىگەن، داۋاملىق ھالدا ئۇنى نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرغان. فاتىما خانىم خىتاي خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ تەقىب قىلىشىدىن قۇتۇلالماي ئاخىرى مىڭ تەستە پاسپورت بېجىرىپ چەتئەلگە چىققان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ پەقەتلا باشقىلارغا ئانا تىلى بىلەن دىنىنى ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن بېسىم ۋە تەقىپكە ئۇچرىغان. ئۇ، چەتئەلگە چىققاندىن كېيىنمۇ دۆلەتسىزلىكنىڭ كۆپ دەردىنى تارتقان. تۆۋەندە فاتىما خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىتىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.