چۈشمان خارابىلىقى ۋە قەدىمىي پامىر مەدەنىيىتى

0:00 / 0:00

خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئارخېلوگىيە تەتقىقات ئورنى 2013 - يىلى 5 - ئايدىن باشلاپ، تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ تىرناپ يېزىسىغا قاراشلىق چۈشمان كەنتىدە ئارخېلوگىيەلىك قېزىش ئېلىپ بارغان. خىتاي ئارخېلوگلار مەزكۇر كەنتتىكى چۈشمان سوقا تاش قەدىمىي خارابىلىقىدا قېزىش ئېلىپ بېرىپ، بۇ خارابىلىقنىڭ بۇنىڭدىن 2500 يىل ئاۋۋالقى دەۋرگە مەنسۇپ زەردۇشت قەبرىستانلىقى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇنى 2013 - يىلدىكى 6 چوڭ ئارخېلوگىيەلىك بايقاشنىڭ بىرى، دەپ جاكارلىغان ئىدى.

نۆۋەتتە، دائىرىلەر مەزكۇر زەردۇشت خارابىلىقى مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز - ئارا سىڭىشىدىغانلىقىنى، خىتاي - غەربىي دىيار مۇناسىۋېتى 2500 يىل ئاۋۋال باشلانغانلىقىنىڭ پاكىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەزكۇر خارابىلىقنى دەستەك قىلىپ، ئۇيغۇر ئىلىدا «بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ مەنبەلىك جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، بۇ ئىدىيەنى ئاممىغا سىڭدۈرۈش ھەرىكىتى باشلىغان.

دائىرىلەرنىڭ قارىشىچە، چۇشمان زەردۇشت قەبرىستانلىقى «جۇڭخۇا مەدەنىيەت» ئىدىيەسىنى ئالغا سۈرىدىغان مۇھىم ئارخېلوگىيەلىك پاكىت. بىراق مۇتەخەسسىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەدەنىيەت زوراۋانلىق ئېڭى بىلەن سۇغۇرۇلغان بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇرلارغا ئەكسىچە تەسىر قىلىشى مۇمكىن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.