ئاغزاكى تارىخچىلىق ئەنئەنىسى ۋە ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.06.21
uyghur-xeliq-tarixiy-qoshaqliri-305.png 2009-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشىر قىلغان «ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرى قامۇسى» ناملىق كىتابنىڭ ئىچ مۇقاۋىسى
RFA/Qutlan

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە سۆھبەت

سوئال - 1: ھۆرمەتلىك ئالىمجان ئىنايەت، سىز ئۇزاقتىن بۇيان تۈرك دۇنياسى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن شوغۇللىنىپ كەلدىڭىز. سىزگىمۇ مەلۇم، ئۇيغۇرلار ئاغزاكى ئەدەبىياتنىڭ تارىخىي قوشاقلار ژانېرى بويىچە ناھايىتى مول ۋە گۈزەل بولغان ئاغزاكى تارىخچىلىق ئەنئەنىسىنى ياراتقان. سىز بۇ ساھەدىكى بىر مۇتەخەسسىس بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئاغزاكى تارىخچىلىق ئەنئەنىسى ۋە ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتسىڭىز؟

جاۋاب: ئۇيغۇر تارىخىي قوشاقلىرى ئۇيغۇر خەلق قوشقالىرى ئىچىدىكى ناھايىتى مۇھىم تەركىبىي قىسىم. ئۇيغۇر تارىخىي قوشاقلىرى ئۇيغۇر ئاغزاكى تارىخچىلىق ئەنئەنىسىنىڭ مەھسۇلى. ئاغزاكى تارىخچىلىق ئەنئەنىسى دېگەندە خەلقنىڭ تارىختا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىنى قوشاقچىلىقتىن ئىبارەت ئاغزاكى سەنئەت بىلەن ئىپادىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تارىخىي قوشاقلار تارىختا يۈز بەرگەن، ئەمما يازما خاتىرىگە ئېلىنمىغان ۋەقە - ھادىسىلەرنى ئاغزاكى قوشاقچىلىق يولى بىلەن كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈپ بەرگەن بەدئىي خاراكتېرلىق ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ.

سوئال - 2: يېقىندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇچقۇنجان ئۆمەر نەشىرگە تەييارلىغان «ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرى قامۇسى» نەشىردىن چىقىپ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ قامۇسقا جەملەنگەن تارىخىي قوشاقلارنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز؟

جاۋاب: بۇ قامۇس ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى نۇقتىسىدىنمۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. قامۇسنىڭ ھەجىمى ۋە مەزمۇن دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخىي قوشقالىرىنىڭ ھەممە ساھەلىرىدىكى ئۈلگىلەر كىرگۈزۈلگەن. پۈتكۈل قامۇسقا كىرگۈزۈلگەن قوشاقلار زامان ۋە مەزمۇن ئېتىبارى بىلەن قەدىمكى زاماندىكى تارىخىي قوشاقلار، يېقىنقى زاماندىكى تارىخىي ۋەقەلەر توغرىسىدىكى قوشاقلار، يېقىنقى زاماندا ئۆتكەن تارىخىي شەخلەر توغرىسىدىكى قوشاقلار ۋە خاس قوشاقلار دېگەن تۆت چوڭ قىسىمغا ئايرىلغان.

سوئال - 3: قامۇسنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى قەدىمكى دەۋردىكى تارىخىي قوشاقلارغا بېغىشلانغان ئىكەن. سىز مەزكۇر قامۇسنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى، يەنى قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخىي قوشاقلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى تەكىتلىمەكچىسىز؟

جاۋاب: قامۇسنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى قەدىمكى دەۋردىكى تارىخىي قوشاقلارغا بېغىشلانغان بولۇپ، زامان تەرتىپى بويىچە قەدىمكى ۋەقە - ھادىسىلەر ھەققىدىكى قوشاقلار، قەدىمكى مىللەت - قوۋملار ھەققىدىكى قوشاقلار، قوچو خانلىقى دەۋردىكى قوشاقلار، قاراخانىلار دەۋرىدىكى قوشاقلار، يەركەن خانلىقى دەۋرىدىكى قوشاقلار دەپ بەش تۈركۈمگە ئايرىلغان. بۇ قوشاقلارنىڭ بەزىلىرى تۈرلۈك تىللاردىكى يازما مەنبەلەردىن، بەزىلىرى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى مەنبەلەردىن توپلانغان. ئۇنىڭدا ئۇماي، ئوغۇزخان، ئافراسىياب، بەگقۇلى، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان، فارابى، مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىب، ئەلىشىر ناۋايى، سەئىدخان، ئابدۇرەشىدخان، ئاماننىساخان قاتارلىق شەخسلەرگە دائىر شېئىر - قوشاقلار كىرگۈزۈلگەن.

سوئال - 4: سىزگىمۇ مەلۇم، خەلق ئەدەبىياتىمىزدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىقى قوشاقچىلىق ياكى داستانچىلىق يولى بىلەن يورۇتۇلغان. شۇڭا ئۇيغۇر تارىخىي قوشاقلىرى ئىچىدە يېقىنقى زاماندىكى تارىخىي ۋەقەلەر ۋە تارىخىي شەخسلەر ھەققىدىكى قوشاقلار زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ. سىز مەزكۇر قامۇسنىڭ بۇ ھەقتىكى بىرقانچە بۆلۈملىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

جاۋاب: قامۇسنىڭ بۇ بۆلىمىدە ئاساسلىقى يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى چوڭ ۋەقە - ھادىسىلەرگە بېغىشلانغان قوشاقلار بىلەن تارىخىي شەخسلەرگە بېغىشلانغان قوشاقلار مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭدا تارىخىي ۋەقەلەردىن بايانداي ئۇرۇشى، كۆچ - كۆچ ۋەقەلىرى، تورپاقلار يېغىلىقى، قۇشقاچ يېغىلىقى قاتارلىق مۇھىم تارىخىي ۋەقە - ھادىسىلەر بىلەن بىر قاتاردا نۇزۇگۇم، بەدۆلەت، سادىر پالۋان، تۆمۈر خەلپە، خوجانىياز ھاجى، ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىقى يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى 55 مۇھىم شەخس ھەققىدىكى قوشاقلار توپلانغان. ئۇندىن باشقا، ياڭ زېڭشىن، ما تىتىتەي، جىن شۇرېن، شېڭ شىسەي، ما جوڭيىڭ قاتارلىق خىتاي - تۇڭگان مىلىتارىستلىرىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ھەققىدىكى قوشاقلارمۇ ئۇچرايدۇ.

سوئال - 5: ئاخىرىدا سورايدىغىنىم شۇكى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاغزاكى تارىخچىلىق ئەنئەنىسىدىكى تارىخىي تۇيغۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك. ئۇيغۇر تارىخىي قوشاقلىرىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى بىلىش ۋە تەتقىق قىلىشتا قانداق ئەھمىيىتى بار؟

جاۋاب: تارىخىي قوشاقلاردا تەسۋىرلەڭەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى تارىختا ھەقىقىي يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە باغلىنىدۇ. ئەمما خەلق، يەنى تارىخىي قوشاقلارنى ياراتقۇچى كەڭ كوللېكتىپ تارىخنى تارىخچىلارنىڭ مەيدانى ۋە ئىدىيىسىدە تۇرۇپ قۇراشتۇرمايدۇ، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ سوبېيكتىپ چۈشەنچىسى ۋە كوللېكتىپ قىممەت قارىشى بويىچە تەسۋىرلەيدۇ. شۇڭا ئۆز بېشىدىن كۆچۈرگەن تارىخىي ۋەقەلەر ھەمدە مىللىي قەھرىمانلارنىڭ پاجىئەسىگە نىسبەتەن ئاۋام خەلقنىڭ سەمىمىيىتى، ھەسسىداشلىقى ۋە مۇھەببىتى ئىپادىلەڭەن بولىدۇ. دۈشمەنگە، قارا كۈچلەرگە نىسبەتەن نەپرىتى تولۇپ تاشىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن تارىخىي قوشاقلاردا ئىپادىلەڭەن خەلقنىڭ كوللېكتىپ ئىرادىسى ۋە ئىدىيىسى ئاسانلىقچە ئۆزگەرمەيدۇ. شۇڭا تارىخىي قوشاقلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي سەرگۈزەشتىلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم مەنبە بولالايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.