«ھايات شاھىتلىرىمىز» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسى تارقىتىلىشقا باشلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.07.24

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان «ئەرك تېلېۋىزىيىسى» ئۇزۇن يىللاردىن بېرى «سىياسەت مەيدانى» ناملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سىياسىيونلار، زىيالىيلار ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە دەۋاغا بولغان كۆز قارىشىنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە ئىدى. يېقىندا «ھايات شاھىتلىرىمىز» نامىدا تېلېۋىزىيە پروگراممىسى تەسىس قىلىپ ئۇيغۇر تارىخى شەخسلەر توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تىرىشماقتا. بۇ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنى ئىشلەش ئۈچۈن 6-ئايدا قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانغا بېرىپ سىنئالغۇغا تارتىپ كەلگەن «ئەرك تېلېۋىزىيىسى» ئىنىڭ مۇدىرى ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋە سىياسىي تارىخى بايان قىلىنغان «ھايات شاھىتلىرىمىز» ناملىق كۆپ قىسىملىق فىلىم ئىشلەۋاتقانلىقىنى، جەمئىي 50 قىسىملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلەيدىغانلىقىنى ، بۇنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ www.erktv.com تور بېتىگە قويۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەرك تېلېۋىزىيىسى تۈركىيەدە قانۇنىي ئەنگە ئالدۇرۇلغان ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ بىرىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.