ستالىننىڭ جازا قىلىچى-نائۇم ئەيتىنگون
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.04.10
2013.04.10
Public Domain
20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئىنسانىيەت تارىخى ئىنتايىن مۇرەككەپ سىياسىي-ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت توقۇنۇشلىرى بىلەن تولدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشىدىن كېيىنكى دۇنيانىڭ ئىككى ئىدېئولوگىيىلىك سىياسىي لاگېرغا بۆلۈنۈشى ھەم ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇردى.
مانا مۇشۇ مۇرەككەپ توقۇنۇشلاردىن ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز نېسىۋىسىنى ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى ئەنە شۇ ئىدېئولوگىيىلىك ۋە ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلەر كۈرەشلىرىدىن ئورۇن ئالدى.
مانا بۇ جەرياندا سوۋېت ئىتتىپاقى ئوز بىخەتەرلىك خادىملىرىنى ئىشقا سالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە گېنېرال ئەيتىنگوننىڭ پائالىيەتلىرى ئۆزگىچىدۇر.