كۈرەش كۈسەن ناخشىلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە يوشۇرۇنغان رېئاللىق

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.04.19
kuresh-kusen-305.jpg ۋەتەن ئۈچۈن، ئەل بەختى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان كۈرەش كۈسەن ئەپەندى.
RFA

ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا «كۈرەش كۈسەن» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان مەرھۇم سەنئەتكار، ئەركىنلىك جەڭچىسى كۈرەش سۇلتاننىڭ ۋاپاتىغا بۇ يىل 7 يىل بولدى.

ۋاھالەنكى، ئۇنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ھۆرلۈكى تېما قىلىنغان يالقۇنلۇق ناخشىلىرى ئۆز كېلەچىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدا يىللار بويى ياڭراپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ناخشىلىرىدىكى ئۇرغۇپ تۇرغان مىللىي روھ، ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈككە بولغان تەشنالىق، ۋەتەننىڭ قۇتۇلۇشىغا بولغان ئۈمىد مىليونلىغان قەلبلەرگە ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ چەكسىز ھاياتىي كۈچى ئارقىلىق جاسارەت بېغىشلىماقتا.

كۈرەش كۈسەننىڭ سەنئەت ھاياتى ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىلا باشلانغان. ئۇنىڭ نۇرغۇن ناخشىلىرىغا ئۆز ۋەتىنىدە سىقىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاچچىق رېئاللىقى ۋە ئەركىنلىككە بولغان چەكسىز تەشنالىقى يوشۇرۇنغان. كۈرەش كۈسەننىڭ 1980 - يىللاردا ئىجاد قىلغان ۋە خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان ناخشىلىرىدىن «پۇل»، «شۇنداق بىر جايدا ياشىسام دەيمەن» قاتارلىقلار شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بىز كۈرەش كۈسەننىڭ ئىجادىيەت ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ۋەتەندىكى چاغلىرىدا ئىجاد قىلغان بىر قىسىم مۇھىم ناخشىلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە مەرھۇمنىڭ ھازىر شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان سىڭلىسى مۇنەۋۋەر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.