مۇتەخەسسىسلەر: «مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش رولى يۇقىرى»
2019.01.16

5-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق «مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» نىڭ مۇكاپاتى تۈرك دۇنياسىنىڭ كۈلتۈر شەھىرى دەپ ئېلان قىلىنغان تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا تارقىتىلغان ۋە مۇسابىقىگە 18 دۆلەتتىن كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، كوسوۋا دۆلىتىدىن رەشىت خانادان يازغان «مەمەت چاۋۇش كېلىۋاتىدۇ» ناملىق ھېكايىسى بىرىنچى بولۇپ باھالانغان ئىدى.
2008-يىلىدىن بۇيان بۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ياقۇپ ئۆمەروغلۇ ئەپەندى «مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىلقى مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىدە كوسوۋادىن رەشىت خانادان بىرىنچىلىككە، باشقۇرتىستاندىن فەرزەنە ئاقبۇلۇتوۋا ئىككىنچىلىككە، تۈركىيەدىن يۈجەل ئۆزتۈرك ئۈچىنچىلىككە، ئىراق كەركۈكتىن ئەلىف كۆپرۈلۈ تۆتىنچىلىككە ئېرىشتى».
خەلقئارالىق «مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى تونۇتۇش فوندى ۋە تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر مۇسابىقە تۈرك دۇنياسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تۇنجى ئەدەبىيات مۇسابىقىسىدۇر. مۇسابىقە مەخمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000-يىلىدا، يەنى 2008-يىلى باشلانغان بولۇپ، 2018-يىلى 5-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر مۇكاپات 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر مەدەنىيەت مىنىستىرلىرى يىغىنى جەريانىدا تارقىتىلغان ئىدى. ياقۇپ ئۆمەروغلۇ ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «2018-يىلى كاستومونۇ شەھىرى تۈرك دۇنياسىنىڭ كۈلتۈر پايتەختى ئېلان قىلىنغان ئىدى. 18-دېكابىر كۈنى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر مەدەنىيەت مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنى بار ئىدى. مۇسابىقىدە دەرىجىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ مۇكاپاتىنى تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرى مۇئاۋىنى خالۇق دۇرسۇن ئەپەندى بەردى. بۇ يىل مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى 18 دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر مۇسابىقىگە قىزىقىش بەكلا يۇقىرى بولدى».
«مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» غا مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە ئاپتونوم رايونلاردىن بولۇپ 18 دۆلەت ۋە رايوندىن كىشىلەر ھېكايە ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇرۇنقىلىرىغا ئوخشاشلا بۇ يىلمۇ مەخمۇت قەشقىرى ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر دىيارىدىن كىشىلەر ئىشتىراك قىلالمىغان. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا بۇرۇن تۈركىيەگە كېلىپ، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا، ئەدەبىيات سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ كەتكەن پروفېسسور ئابدۇكېرىم راخمان، سەنئەتچى ئابدۇرېھىم ھېيتقا ئوخشاش ئۇيغۇرلار «جازا لاگېرلىرى» غا تاشلانغان. بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى رەئىسى ياقۇپ ئۆمەروغلۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. خىتاي خەلقئارادىكى تەسىرىنى كېڭەيتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي تۈركىيە ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولسا، بىزنىڭ قېرىندىشىمىز بولغان ئۇيغۇرلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېچىنىشلىق خەۋەر كېلىش داۋاملىشىدىغان بولسا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز قىيىن. بولۇپمۇ 21-ئەسىردە بەزى ئۇيغۇرلارنى پانتۈركىزم بىلەن ئەيىبلەپ جازا لاگېرلارغا سولىشى پۈتۈنلەي قانۇنسىزلىق».
خەلقئارالىق «مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» ئىككى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلمەكتە. ئۇنداقتا مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇشتا رولى بولۇۋاتامدۇ؟ ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇشتا رولى بولۇپلا قالماستىن بەلكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئىتتىپاقلىقى جەھەتتىنمۇ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
تارىخچىلارنىڭ قارىشىچە، «قۇتادغۇ بىلىك» نى يازغان يۈسۈپ خاس ھاجىب، «تۈركىي تىللارنى دىۋانى» نى يازغان مەخمۇت قەشقىرى ئۇيغۇر دىيارىدا يېتىشكەن ئۇلۇغ زاتلاردۇر. بۇلار ۋە بۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە تۈركىيەدىكى دەرسلىك كىتابلىرىدىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. بۇلارنىڭمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇشتا رولى زور بولماقتا. «ئۇيغۇرنېت» تور گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.
خەلقئارالىق مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقىسىدە تۈركىيەدىن ئاسۇمان گۈزەلجە خانىم «كۆچ» ناملىق ھېكايىسى بىلەن بىرىنچى بولغان. ئىككىنچى قېتىملىق مۇسابىقىدە ئەزەربەيجانلىق ئەجدەر ئوق بىرىنچى، ئۈچىنچى قېتىملىقىدا قازاقىستاندىن روزى ئوراز بىرىنچى، تۆتىنچى قېتىملىقىدا ئىراننىڭ شىمالىي ئەزەربەيجان رايونىدىن گافۇر ئىمامزادە خىياۋىنىڭ ھېكايىسى بىرىنچى بولۇپ باھالانغان ئىدى.