ئۇيغۇر دىنىي زىيالىيلار: مەمتىمىن بۇغرا ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر دىنىي ئالىم ئىدى
2015.05.07

ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەردىن مۇھەممەد ئېمىن بۇغرا كىشىلەر ئارىسىدا سىياسىيون، يازغۇچى، شائىر، تارىخچى ۋە ئىنقىلابچىلىق سۈپىتى بىلەن تەرىپلىنىپ كەلگىنىدەك، ئۇ دىنىي جەھەتتىمۇ ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نوپۇز ئىگىسى ئىدى.
گوللاندىيەدىكى دىنىي زىيالىي ئەيسا قارىھاجىم ۋە ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىشغالىدىن كېيىن ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئەقىدە-ئېتىقادى ۋە دىنىي پىكىر-غايىسى ئاخبارات ساھەسىدىن ئۇزات تۇتۇلۇپ، نەزەردىن ساقىت قىلىنغان.
ئەيسا قارىھاجىم مەرھۇم مۇھەممەد ئېمىن بۇغرانىڭ تەشۋىقات ساھەلىرىدە كەم تۇتۇلۇۋاتقان تەرەپلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇ ئەينى زاماندىكى بۈيۈك بىر دىنىي ئالىم ئىدى» دېدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇھەممەد ئېمىن بۇغرانىڭ دۆلەت قۇرۇش ۋە مۇستەقىللىق كۈرەش يولىدىكى پىكىر قاراشلىرى زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن بىر سەۋىيىدە نامايان بولغان.
ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەسىس قىلغان «ئانا تىل مەكتىپى» دە خىلىدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان تارىخى دەرسلىكى تۇرغۇن ئالماس يازغان «ئۇيغۇرلار» ۋە مۇھەممەد ئېمىن بۇغرا يازغان « شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابلار ئاساس قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى تەسىرى ياخشى بولغان.
ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندى دەرس ئۆتۈش جەريانىدا مەرھۇم مۇھەممەد ئېمىن بۇغرانىڭ تەشۋىقات ساھەسىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلغان نۇرغۇن ئەمگەك مېۋىلىرى ۋە پىكىر-ئىدىيىلىرى بارلىقىنى ھېس قىلغان.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مۇھەممەد ئېمىن بۇغرانىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىدا زور ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، مەقسەت-غايىسى ۋە كۈرەش ئىرادىسىدە ئۆزگىرىش بولمىغان.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مەرھۇم مۇھەممەد ئېمىن بۇغرانىڭ ئۆزىگە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.