بىشكەكتىكى «ئىنتىزار» ئانسامبىلى ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىكنى كۈچەيتىش سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2019.01.09
intizar-ansambili-godekler-topi.jpg قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى «ئىنتىزار» ئانسامبىلىنىڭ خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان سەنئەت كېچىلىكىدە «ئىنتىزار» ئانسامبىلىنىڭ گۆدەكلىرى. 2019-يىلى 6-يانۋار، بىشكەك.
RFA/Féruze

6-يانۋار كۈنى بىشكەك شەھىرىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئاۋات» رېستورانىدا «ئىنتىزار» ئانسامبىلىنىڭ خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا قىرغىزىستاندا تونۇلغان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى، قىرغىزىستان خەلقلىرى بىرلەشمىسى تەركىبىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ناھىيەسىدىن مېھمان قاتارى كەلگەن ۋەكىللەر، گېزىت مۇخبىرلىرى ۋە كۆپ ساندا جامائەتچىلىك ۋەكىللىرى قاتناشتى.

قىرغىزىستاندىكى «ئىنتىزار» ئانسامبىلى ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكا ۋە ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلى گۇرۇپپىسىدىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ئانسامبىل جامائەتكە ئۆز ماھارەتلىرىنى نامايان قىلدى.

مەزكۇر پائالىيەتكە يەنە قىرغىزىستاندا تونۇلغان ئۇسسۇلچى، ناخشىچى ۋە سازەندىلەر قاتناشقان بولۇپ، قىرغىزىستان خەلق ئارتىسى سۇلتان كەرىموف، ئاتاقلىق ناخشىچىلار شۆھرەت ياقۇبوف، ئالىمجان روزىيېف، نۇرتاي ئابدۇرېھىم، روشەنگۈل مۆمىنوۋا، شەمشىنۇر باكىروۋا قاتارلىقلارنىڭ ئېيتقان ناخشىلىرى، شۇنداقلا خەلق سۆيگەن «يۇلتۇز» ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇل ئانسامبىلىنىڭ ئۇسسۇللىرى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرىغا ئېرىشتى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتۇق ھاجىيېف ئۆز نۇتقىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى تىلغا ئېلىپ، بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋە مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەم ئۆزگىچىلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

كونسېرت داۋامىدا ئىلى خەلق ناخشىلىرى شۇنىڭدەك ۋەتەن توغرىسىدا نۇرغۇن ناخشىلار ئېيتىلدى ھەم مىللىي ئۇسسۇللار ئورۇندالدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان خەلق ئارتىسى سۇلتان كەرىموف بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ناخشا ئارقىلىق ئۆز ۋەتىنىنى سېغىنىش ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرى ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداش يولىدا پائالىيەت قىلىۋاتقانلارغا ئىلھام بېرىش ھەم مىللەتپەرۋەرلىكنى كۈچەيتىش

ئەھمىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتۇق ھاجىيېف بۇ پائالىيەت قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

مەزكۇر مۇراسىم ئىككى سائەتتىن ئوشۇق داۋام قىلغان بولۇپ، تاماشىبىنلار يۇقىرى كەيپىياتتا بولۇشتى. مۇراسىمغا قاتناشقان سەنئەتكار شەمشىنۇر باكىروۋا ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىزھار قىلدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشىغا تىرىشىپ كەلمەكتە. مەزكۇر جەمئىيەت يەنە مىللىي تارىخ ۋە كىملىكىنى ئۇنتۇماسلىقى ئۈچۈن ھەر-خىل يىغىن ۋە باشقا خىل پائالىيەتلەرنىمۇ ئۆتكۈزمەكتە.

بۇ قېتىمقى خەيرى-ساخاۋەت كونسېرتىدىن توپلانغان مەبلەغ «ئىنتىزار» ئانسامبىلىنىڭ يېڭىدىن بىر يۈرۈش ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرى ۋە يېڭى چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ئېلىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىكەن. ئۇيغۇر جامائىتى بۇ پائالىيەتنى يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن قوللاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.