قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىسلىرى «مۇقاملار سىرى» نى ئورۇنلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.06.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
muqamlar-siri-tiyatir-1.jpg قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ «ناۋا» ئانسامبىلى كۆرسەتكەن «مۇقاملار سىرى» كونسېرت پروگراممىسىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 28-ماي، ئالماتا.
RFA/Oyghan

قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ «ناۋا» ئانسامبىلى 12-ئىيۇندا ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى سەپىرىنى ئاياغلاشتۇردى. ئۆتكەن ئاينىڭ 28-كۈنى باشلانغان مەزكۇر سەپەر جەريانىدا ئانسامبىل ئارتىسلىرى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر ۋە ئەمگەكچىقازاق ناھىيىلىرىدە «مۇقاملار سىرى» كونسېرت پروگراممىسىنى كۆرسەتتى.

ئىگىلىشىمىزچە، تىياتىر ئارتىسلىرى ھەر يىلى سەھنە ئەسەرلىرى ۋە كونسېرت پروگراممىلىرى بىلەن ئەتراپتىكى ناھىيىلەرگە بېرىپ ئويۇن قويۇشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان. بۇ قېتىمقى سەپەرمۇ كۆپلىگەن تاماشىبىنلارنىڭ كۆڭلىدىن چىققان.

ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ مۇزىكا رەھبىرى نىياز تۇرسۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر كونسېرت پروگراممىسى قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى يالقۇنجان شەمىيېف تەرىپىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇسسۇلغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1-دەرىجىلىك ئارتىسى كۈرەش رەجەپ رەھبەرلىك قىلغان. مەزكۇر پروگرامما ئۇيغۇر تىياتىرىدا ئىلگىرى 22 قېتىم كۆرسىتىلىپ، بۇ قېتىمدا ئۇنىڭغا سازەندىلەر، ناخشىچىلار، ئۇسسۇلچىلار ۋە باشقىلار بولۇپ، قىرىقتىن ئوشۇق ئادەم قاتناشقان. ئۇ تىياتىرنىڭ سەھنە مەنزىرىنى يېزا مەدەنىيەت كۇلۇبلىرىدىكى شارائىتلارغا ماسلاشتۇرۇپ، ئارتىسلار ئۈچۈن مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ بارلىقىنى يارىتىشقا تىرىشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بولۇپمۇ، ئۇسسۇللار ياخشى قويۇلغان. ھەر بىر سەھنىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆزگىرىشى بار. ئورما ئۇسسۇلى، بېلىقچىلىق، ئابدۇرەشىدخان، ئاماننىساخان، ئوردا كۆرۈنۈشلىرى، ئاخىرىدا مەشرەپ بىلەن تۈگىتىپ، سەنئىتىمىزنى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى دەرىجىدە كۆرسەتتۇق. بۇ پروگراممىمىز قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقىغا بېغىشلاندى.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پانفىلوف ناھىيىسىنىڭ ياركەنت شەھىرى تۇرغۇنى رېھىمجان توختاخۇنوفنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىسلىرىنىڭ بۇ سەپىرى ناھايىتى نەتىجىلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، مۇڭ-زارى تەسۋىرلەنگەن ئون ئىككى مۇقام مۇزىكا دۇردانىسى خەلقنىڭ يۈرىكىگە يەتكەن ھەمدە تاماشىبىنلاردا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان. ئۇ تىياتىر ئارتىسلىرىنىڭ ماھارىتىگە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھەر بىر سازەندىنىڭ، ئۇسسۇلچىنىڭ ماھارىتىنى بىز كۆردۇق. ئۇلارنىڭ ماھارىتىدىن تاماشىبىنلار سۇ ئىچكەندەك بولدى. زالدىكى ئادەملەر ھۇزۇرلىنىپ، ھەر بىرىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتىنى ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدىن كۆردۇق. ھەممىسى ‹ناۋا› ئانسامبىلىنىڭ بۈگۈنكى يەتكەن دەرىجىسىگە رازى بولدى. ئاساسەن رېژىسسور يالقۇنجان شەمىيېفنىڭ ئويى مەقسىتىگە يەتتى، دەپ ئويلايمەن. ئۇسسۇلچىلارنىڭ ئورۇنلىشى تاماشىبىنلارنىڭ كۆڭلىدىن چىقتى.»

ن. تۇرسۇنوفتىن ئېگىلىشىمىزچە، «مۇقاملار سىرى» كونسېرت پروگراممىسىنى ئېلىپ بارغۇچى لۇئىزا روزاخۇنوۋا ئۆز سۆزىدە قازاقىستاننىڭ بۈگۈنكى كۈندە يەتكەن ئۇتۇقلىرىنى، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋاپپەقىيەتلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن. ن. تۇرسۇنوف باش رولدا ماراتجان نورۇزوف، ياركەنت خانلىقىنىڭ پادىشاھى ئابدۇرەشىدخان رولىدا نۇرالىم ۋارىسوف، ئاماننىساخان رولىدا لۇئىزا روزاخۇنوۋا، شۇنداقلا مارات مەمەتباقىيېف، ساھىدەم مەشرەپوۋا قاتارلىق ئاتاقلىق ئارتىسلارنىڭ، ئالىمجان ئابدۇللايېف، خالمۇرات مۇناروف، دىلبەر بۇرھانوۋا ئوخشاش ياش سەنئەتكارلارنىڭ ئۆز ھۈنەرلىرىنى نامايىش قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر ناھىيىسى چونجا يېزىسى تۇرغۇنى گۈلىنۇر سەيدۇللايېۋا بۇ كونسېرت پروگراممىسى ھەققىدە ئۆز پىكرىنى مۇنداق دەپ بىلدۈردى: «ھەممىمىز ھاياجانلاندۇق. كونسېرتنى ئاخىرىغىچە چاۋاكلار بىلەن قارشى ئېلىپ، ياخشى ھېسسىيات بىلەن كەلدۇق. ئارتىسلارنىڭ كىيىم-كېچىكى، بالىلارنىڭ تالانتى ياخشى. بىز ھەر دائىم كونسېرت ياكى ئويۇن بولسۇن، تاشلىماي بارىمىز. مۇقامنى سەھنىدە بىرىنچى قېتىم كۆردۇق. مارات نورۇزوف، نۇرالىم ۋارىسوفلارغا ھەممە يارىشىپتۇ. بىزگە ياقتى.»

تىياتىرنىڭ مۇزىكا رەھبىرى ن. تۇرسۇنوف سەپەرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، يەنى بالىلار ئۈچۈن ئالاھىدە پروگرامما تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۈچ ناھىيىدە مەكتەپ مۇدىرلىرى بالىلارنى كۈندۈزى تەييارلاپ بەردى. بۇ يەردە تىياتىر مەمۇرى ئابدۇساتتار تۇردىباقىيېفنىڭ ئەمگىكى چوڭ بولدى. يىگىت باشلىرى، ناھىيە ھاكىملىرى، خانىم-قىزلار، مەكتەپ مۇدىرلىرى ئارقىلىق سەپىرىمىزنى ئۇتۇقلۇق ئۆتەپ كەلدۇق، دەپ ئويلايمەن. خەلقىمىز «مۇقاملار سىرى» ئارقىلىق سەنئىتىمىزنىڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى باھالىدى. بۇنىڭغا بىز ئىنتايىن رازى. كېلەچەككە ئۈمىدلىرىمىز چوڭ.»

ئەمدى چېلەك يېزىسى تۇرغۇنى رەھىم قامباروف تىياتىر ئارتىسلىرىنىڭ «مۇقام سىرلىرى»غا ھەر خىل مۇقاملاردىن پارچىلارنى ئۇتۇقلۇق تاللاپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن تارىخىنى نامايىش قىلىشقا مۇۋاپپەق بولالىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئەگەردە ئۇيغۇر خەلقى دەسلەپتە باتۇرلۇق بىلەن ئۆز يېرىنى قوغدىغان بولسا، كېيىنچىرەك ئۇلار ئولتۇراقلىشىپ، ئۆز مەدەنىيىتىنى يارىتىپ، ئېگىلىكنىڭ خېلى ساھەلىرىدە ئەمگەك قىلغان. بىزنىڭ كۆڭلىمىزگە ياققىنى سەھنە مەنزىرىسى شۇنداقلا ئارتىسلارنىڭ كىيىمى، ئۇلارنىڭ ماھىرلىقى. يەنە بىر خۇشال قىلغان نەرسە، تىياتىر گۇرۇپپىلىرى ياشلار بىلەن تولۇقتۇرۇلۇپتۇ.»

ر. قامباروف تىياتىر ئارتىسلىرىنىڭ ھەر بىر نومۇرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئورۇنلانغانلىقىنى، ئارتىسلارنىڭ كەسپىي سەۋىيىسىنىڭ خېلى ئۆسكەنلىكىنى، بۇ قېتىمقى كونسېرتنىڭ ئۇتۇقلۇق ئۆتۈشىدە، «ناۋا» ئانسامبىلىنىڭ كەسپىي دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىدە، بولۇپمۇ ئاتاقلىق كومپوزىتور مەرھۇم ئازاد بۇرھانوفنىڭمۇ ئۈلۈشى بارلىقىنى ئېيتىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «تىياتىر ئازاد ئۈچۈن ئىككىنچى ئۆي بولغان. ئەللىك يىل مابەينىدە ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچ-غەيرىتىنى ئايىمىدى. ئازادنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئانسامبىلنى شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىساق ناھايىتى ياخشى بولاتتى.»

«مۇقاملار سىرى» كونسېرت پروگراممىسى پانفىلوف ناھىيىسىنىڭ ياركەنت شەھىرى ۋە پەنجىم، ئالتەئۆي، كۆكتال، ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ چونجا، غالجات، كېڭەش، تۈگمەن، چارىن، ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ چېلەك، بايسېيت، مالىۋاي يېزىلىرىدا كۆرسىتىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.