0:00 / 0:00
سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى، 88 ياشلىق نۇرمۇھەممەت ئاكا سادىقوف ئازادلىق ئۇرۇشىغا پىدائىي بولۇپ ئاتلىنىپ، مىللىي ئارمىيەنىڭ ئاتلىق دىۋىزىيون كوماندىرى مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ قول ئاستىدا خىزمەت قىلدى. ن. سادىقوف 1928 - يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى مالىك موزدۇزچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ دەسلەپتە غۇلجا قارادۆڭ مەكتىپىدە، ئاندىن مۇزىكا مەكتىپىدە ئوقۇغان.
ھازىر ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ تۇرگېن يېزىسىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ن. سادىقوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى بايان قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ سۆھبەتنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.