ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى، سىياسەتچى، ئىلىم ئادىمى نەۋزات يالچىنتاش ئالەمدىن ئۆتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.07.18
Newzat-Yalchintash-merhum.jpg ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى، سىياسەتچى، ئىلىم ئادىمى نەۋزات يالچىنتاش.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن سابىق دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ سابىق لىدەرى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتەكىننىڭ يېقىن دوستى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى ۋە ئادالەت تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان پروفېسسور دوكتور نەۋزات يالچىنتاش ئەپەندى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەتىگەن يۈرەك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى باش مىنىستىر مۇئاۋىنى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، «ھۆرمەتلىك نەۋزات يالچىنتاش ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتتى، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ياتقان جايى جەننەت بولسۇن، ئائىلىسىگە ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا سەۋر تىلەيمەن» دەپ يازغان.

تۈركىيە پارلامېنتىدا 8 يىل پارلامېنت ئەزاسى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن نەۋزات يالچىنتاش ئەپەندى، ئۇنىۋېرسىتېت يىللىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قىزىقىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلگەن. تۈركىيەنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا قاتناشقان يىغىنلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان.

تۈركىيەدە زور ئابرۇيغا ئىگە بولغان نەۋزات يالچىنتاش مەرھۇمنىڭ 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىستانبۇل فاتىھ مەسچىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈشكە تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سابىق دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، كۆپ ساندا مىنىستىر ۋە خەلقتىن بولۇپ مىڭلىغان كىشى قاتناشتى.

بىز مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈشكە قاتناشقان ھامۇت گۆكتۈرك، سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى مەرھۇم نەۋزات يالچىنتاش ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، 1950-يىللاردىن تارتىپ ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى تونۇيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى ئۇنىڭ 1993-يىلىدىن تارتىپ مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن تونۇشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈشكە قاتناشقان سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مەرھۇم نەۋزات يالچىنتاش مېيىت نامىزى چۈشۈرۈشكە كۆپ ساندا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى مەرھۇم نەۋزات يالچىنتاشنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاپ قۇۋەتلىگەن كىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

نەۋزات يالچىنتاش 1933-يىلى ئەنقەرەدە دۇنياغا كەلگەن. تۈركىيە تىجارەت ۋە ئىقتىساد فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، فىرانسىيەدە ماگىستىرلىق، لوندوندا دوكتورلۇقتا ئوقۇغان. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 2002-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە تۈركىيە پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.