قازاقىستاندا مەشرەپنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا بولغان تەسىرى كۈچەيمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016-01-28
Share

قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قايتا تىكلەش ۋە يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولدى. شۇنداق ئەنئەنىلەرنىڭ بىرى مەشرەپتۇر. ھازىر ئالماتا شەھىرىدىكى بىر نەچچە چوڭ-كىچىك مەشرەپلەردىن تاشقىرى، ئۇلار ناھىيە مەركەزلىرىدىمۇ، يېزىلاردىمۇ مەۋجۇت. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئالماتا شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا تۆت چوڭ مەشرەپ بار. قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەشرىپى، ئالماتا يىگىت باشلىرىنىڭ مەشرىپى، شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق مەشرەپ ۋە ئالماتا مەشرىپى شۇلار جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن كافېخانىلاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

كېيىنكى يىللاردا قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار مەشرەپنىڭ بولۇپمۇ ياشلارنى مىللىيلىكتە تەربىيىلەشتىكى ئەھمىيىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنى جاي-جايلاردا ئاممىۋىيلاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا مەشرىپىنىڭ بېگى بۇرھان تاجىددىنوف ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەشرەپكە بولغان قىزىقىشىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا خېلى كۈچەيگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەكتىپى يوق جايلاردا تۇرۇۋاتقان ياشلارنىڭ رۇسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، تىل جەھەتتىن قىينىلىۋاتقانلىقىنى، مەشرەپ ئارقىلىق ئەنە شۇ ياشلارنىڭ ئانا تىلىنى، مىللىي ئەنئەنىلەرنى ساقلاشقا بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ شۇنداقلا ئۆيدە ۋە كافېخانىلاردا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەشرەپلەرنىڭ پەرقىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۆيلەردە ئۆتكۈزگەن مەشرەپلەرنى، ئەلۋەتتە، بالىلىرىمىز كۆرۈپ، بىر كۈنى بىر توپ مەھەللىنىڭ ياشلىرى كېلىپ، بىزمۇ مەشرەپ ئوينىساق، ئۆگىتىپ قويساڭلار، دېدى. مەشرەپ بەلگىلەنگەن كۈنى ئۇلارنى مېھمان سۈپىتىدە چاقىردۇق، ئۇلار قاتناشتى. كېيىن ئۇلار ئۆز ئالدىغا مەشرەپ ئوينىدى. مەنمۇ بېرىپ ئارىلاشتىم. شۇنداق قىلىپ ئۇلار مەشرەپ ئويناپ كەتتى. بۈگۈنكى كۈندە شۇلارنىڭ ھېچبىرى تاماكا چەكمەيدۇ، ھاراق ئىچمەيدۇ، رەسىم-قائىدىلىك، تەرتىپلىك. ئاجايىپ ياخشى بالىلاردىن بولۇپ چىقتى.»

مەشرەپنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدا مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىنى تۇتۇش، ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇش ئوخشاش پەزىلەتلەرنى تەربىيىلەشتىن ئىبارەت. ئالماتانىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئاتاقلىق چاقچاقچى سابىر غاپپاروف مەشرەپنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا قاتتىق تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى: «مەن ئۇيغۇر دەپ سۆزلىگىنى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىدا مىللىي ھېسسىيات سۇس. مەشرەپ مۇشۇنى ئۆگىتىۋاتىدۇ. يەنە بىر يېرى يامان يوللاردىن ساقلايدۇ. ياشلارنىڭ نۇرغۇن مەشرەپلىرى ئىچىملىكلەرسىز بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇنىڭدا بالىلارنىڭ مىللىي ھېسسىياتى ناھايىتى كۆتۈرۈلىدىكەن. ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى بىلىدۇ، ئانا تىلىدا سۆزلەيدىغانغا تىرىشىدۇ. مەشرەپنىڭ قەدىر-قىممىتى مۇشۇ كەمگىچە خەلق ئىچىدە ئابرۇيىنى تۆكمەي، ياخشىلىقلار قوشۇلۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ياشلار مەشرەپكە ئىنتىلىپ قىزىقىدۇ.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان زىيالىي سەنئەتكار سادىقجان يۇنۇسوف مەشرەپنىڭ پەقەت تاماشا قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنى ھەقىقىي مەنادا ئىنسان بولۇشقا ئۈندەيدىغان تەربىيە مەكتىپى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى. «مەشرەپنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ-سەۋىيىسى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا سىڭىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بىز، ئۇيغۇرلار، مۇزىكىغا، ئويۇن-چاقچاققا، تاماشىغا ماھىر، خۇشتار خەلق بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئىشلەشتىن باشقا ۋاقتىمىزنى مەشرەپ بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپ كەلگەن. ئەجدادلىرىمىز قوللىنىپ كەلگەن مەشرەپلەرنىڭ تۈرلىرىنى شۇلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىگە قارىغاندا، يۈز خىلدىن ئارتۇق دېسەك بولىدۇ. بىزدە ‹بالاڭنى مەكتەپكە، ئاندىن مەشرەپكە بەر› دېگەن گەپ بار. مەكتەپتە ئادەتتىكى پەنلەرنى، دىنىي ساۋاقلارنى ئۆگەتكەن بىلەن بىزنىڭ ئۆرپ-ئادەت، قائىدىلىرىمىزنى ئۆگىتىشكە ۋاقىت بەرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەجدادلىرىمىز بالىلارنى مەشرەپكىمۇ بېرىپ كەلگەن. بولۇپمۇ مەشرەپتە كىشىلەر بالىلىرىنى ئون بەش ياشتىن كېيىن، سەل ئەقلىگە توشقاندا مەشرەپكە بېرىپ، ‹مېنىڭ مۇشۇ بالامنىڭ گۆشى سىلەرنىڭ، ئۇستىخىنى مېنىڭ، بالامنى مەن تەربىيە كۆرسۇن، ئادەم بولسۇن، دەپ مەشرىپىڭلارغا ئېلىپ كەلدىم› دەپ ئىلتىماس قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن مەشرەپنىڭ رولى ناھايىتى زور.»

ھازىر مەشرەپ ئەڭ تەرەققىي ئەتكەن ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ بىرى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ژۇرنالىست، شائىر نۇرئەخمەت ئەخمەتوفنىڭ پىكرىچە، مەشرەپ ئاتا-بوۋىلاردىن كېلىۋاتقان ئەڭ ياخشى ئۇيۇشما ياكى باش قوشۇشتۇر. ئۇ مەشرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئۇنىڭ ئادەملەرنى يېقىنلاشتۇرۇش، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئۆز-ئارا ئىززەت-ھۆرمەتنى شەكىللەندۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندا ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا مەشرەپنىڭ تەرەققىي ئېتىشى خۇشال بولىدىغان ئىش. بۇ بىزنىڭ مۇستەقىل دۆلەتتە تەرەققىي ئېتىۋاتقانلىقىمىزنىڭ، ئۆزىمىزنى يوقاتماي كېلىۋاتقانلىقىمىزنىڭ بىر بەلگىسى. بىراق بەزى يەرلىرى ئېچىندۇرىدۇ. مىللىيلىكتىن چىقىپ كېتىمىز. سەۋەبى ياۋروپا ياكى باشقىلارنىڭ لەتىپىلىرىنىڭ سەل تەسىرى بولۇپ قالىدۇ. بىز مەشرەپلەرنى ئۇنىڭدىن ساقلىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادىتىمىزگە، مىللەت سۈپىتىدىكى خاسلىقىمىزغا ماسلاشتۇرۇپ، تەرەققىي ئەتكۈزۈشىمىز كېرەك. ياركەنت تەۋەسى بويىچە ياركەنت مەشرىپى بار. تەرتىپ-ئىنتىزام ئۆز يولىدا. بۇنىڭدىن تاشقىرى يېزا-يېزىلاردا مۇشۇنداق مەشرەپلەر پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان نەرسە، دوپپىسىز ئۇ يەرگە بېرىشقا بولمايدۇ. مۇشۇنىڭ ئۆزى، ياشلاردىن تارتىپ ياشانغانلارغىچە بولغان تەرتىپ بۇ بىزنىڭ مىللىيلىكىمىزنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىمىز. ھازىر ياركەنتتە ئاتىسى بالىسىنى يېتىلەپ كېلىدىغان مەشرەپلەرمۇ بار. بۇ ئەدەپ-ئەخلاققا تەربىيەلەۋاتقانلىقنىڭ بىر كۆرۈنۈشى.»

ن. ئەخمەتوفنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ياشلارنىڭ مەشرەپكە بولغان قىزىقىشى ئۆسۈپ، ئۇ بولۇپمۇ باشقا تىللاردا ئوقۇۋاتقان ياشلار ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ مەكتەپ رولىنى ئويناۋاتماقتا. بۇ مەشرەپلەر مەزمۇنى جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئوخشىمىسىمۇ، ئامما ئومۇمەن مەشرەپكە ھۆرمەت بىلدۈرۈشتەك كۆز قاراش قېلىپلاشقان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت