«زۇلۇمغا زاۋال» شېئىر توپلىمى نەشردىن چىقتى
2018.02.19

بىشكەك شەھىرىنىڭ «ئايات» باسمىخانىسىدىن ۋەتەنپەرۋەر شائىر ئەزىمجان نىزامىينىڭ «زۇلۇمغا زاۋال» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشردىن چىقتى.
كىتابقا شائىرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى بىلەن يېزىلغان شېئىرلىرى ۋە «زۇلۇمغا زاۋال» ناملىق داستانى كىرگۈزۈلگەن. شائىر ئۆز شېئىرلىرىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا چۈشكەن ۋە چۈشۈۋاتقان ئېغىر كۈلپەتلەر ۋە پاجىئەلىك كۈنلەر ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئىتتىپاقلىققا، ئانا-ۋەتەننى سۆيۈشكە چاقىرغان.
مەزكۇر كىتاب كىرىل ۋە كونا ئۇيغۇر يېزىقلىرىدا بېسىلىپ چىقتى. كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان پەلسەپە پەنلەرنىڭ نامزاتى ئەكبەرجان باۋۇدۇن ئىككى يېزىقنىڭ قوللىنىشى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
ئەزىمجان نىزامىينىڭ ئەسەرلىرى مۇھەببەت تېمىسىغا يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنىگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتى ئىدى.
«زۇلۇمغا زاۋال» - چوڭ ھەجىملىك داستان. بۇ داستانىدا شائىر 200 يىلدىن بېرى قۇللۇق ئاسارىتىدە ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پاجىئەلىك ھاياتىنى تەسۋىرلەش بىلەن بۇ قۇللۇقتىن قۇتۇلۇشىنىڭ بىردىن-بىر يولى ئازادلىق كۈرەش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
كۆپ شېئىرلىرى ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، جۇدالىقتا ئۆتكەن يىللىرى، ۋەتىنىنى سېغىنىش ھېس-تۇيغۇلىرى بىلەن يېزىلغان. ئۇنىڭ «ئۇيغۇرىستانىم-ئېلىم»، «ۋەتەن»، «قېنى»، «مېنىڭ خەلقىم» ۋە باشقا شېئىرلىرىدا كېچە-كۈندۈز ۋەتەن غېمىدە يۈرگەنلىكى روشەن كۆرۈنىدۇ.
ئەزىمجان نىزامىي مۇساپىرلىق ھاياتىنىڭ ئاچچىق دەردىنى كۆپ تارتقان، شۇڭلاشقا ئۇ ۋەتەن يولىدا ھەر قانداق ئىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئۆز شېئىرلىرىدا ئوچۇق ئىزھار قىلىدۇ. شائىرنىڭ مۇتلەق كۆپ شېئىرلىرى ۋەتەن تېمىسىغا بېغىشلانغان بولۇپ، ۋەتەن ئىشقى شائىرغا تۈگىمەس ئىلھام بېرىدىغانلىقى ۋە ۋەتەن ھەققىدە ئۇنىڭ ناخشىسى تۈگىمەيدىغانلىقىنى «ۋەتەن» ناملىق شېئىرىدا ئىزھار قىلىدۇ.
ئىسيانكار شائىر ھايات ۋاقتىدا ئۆز خەلقىگە كەڭ تونۇلمىغان ئىدى. كىتاب مۇھەررىرى مەھەممەت ياسىن سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە كۆپ شېئىرلار سېنزۇردىن ئۆتمەي نەشردىن چىقالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، بۇ ھەقتىكى سەۋەبلەرنى بايان قىلدى.
ئەزىمجان نىزامىينىڭ يېزىپ قالدۇرغان قوليازمىلىرى ئاساسىدا «زۇلۇمغا زاۋال» ناملىق بۇ شېئىرلار توپلىمى بىرىنچى قېتىم يورۇق كۆردى. كىتاب قازاقىستان ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە تارقىتىلماقتا ئىكەن.