گوللاندىيەدە رابىيە قادىر خانىم مۇھاجىرەتتىكى ئون يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا مۇكاپاتلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2015.12.14
rabiye-muhajiret-10-yil-mukapat-1.jpg ئامستېردامدا ئۆتكۈزۈلگەن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئون يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلماقتا. 2015-يىلى 12-دېكابىر، گوللاندىيە.
RFA/Pida’iy

12-دېكابىر گوللاندىيەنىڭ ئامستېردامغا قاراشلىق سلوتېردەيك شەھىرىدە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئون يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتنى «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى»، «تۈرك ئۆيى» ۋە «ياۋرو-ئاسىيا ئاممىۋى تەشكىلات مۇنبىرى» قاتارلىق تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەر بىرلىكتە تەشكىللىدى.

پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 6 دە باشلاندى. پائالىيەتكە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، نوغايلار، ئەزەربەيجانلىقلار، قىرىم، ئېراق ۋە تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىدىن باشقا، گېرمانىيە ۋە بېلگىيەلەردىنمۇ تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي ئاكتىپلار كېلىپ قاتناشتى.

پائالىيەتتە رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىئوگرافىيىسى تەسۋىرلەنگەن فىلىمدىن كېيىن، «تۈرك ئۆيى» ۋە «ياۋرو-ئاسىيا ئاممىۋى تەشكىلات مۇنبىرى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن ۋەيىس گۈنگۈر ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئون يىلىنىڭ سۇنماس ئىرادە بىلەن غەلىبىلىك ئۆتكەنلىكىنى تەبرىكلىدى ۋە رابىيە قادىر خانىمغا پۈتۈن تۈرك سىستېمىسىدىكى تەشكىلاتلار نامىدىن «مەھمۇد قەشقەرىي كۈمۈش مېدالى» تەقدىم قىلدى.

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن سادىقجان سەلەي ئەپەندى مەزكۇر تەشكىلات ۋە ئۇيغۇرلار نامىدىن بىر دانە ئالتۇن مېدال تەقدىم قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن ئون يىللىق مۇساپىسىدە ھەر جەھەتتىن ياردەمدە بولغان تۈرك قېرىنداشلىرىغا چۇڭقۇر رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى گوللاندىيەدە تۇنجى قېتىم قارشى ئېلىنغان چاغلىرىنى بىر قاتار ئەسلەپ ئۆتتى ۋە شۇندىن بېرى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن دوستانە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىخىي قىممىتىگە ئىجابىي باھا بەردى. مۇھاجىرەتتىكى ئون يىلدىن بىرى داۋام قىلىپ كەلگەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۈگۈنكى تەسىرى كۈچى ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە كەڭ دائىرىدە توختالدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋەيىس گۈنگۈر ئەپەندى: «بىر شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىگە خۇددى بۇرۇندىن تارتىپ داۋاملىق دىققەت قىلىپ تۇرىمىز. بۈگۈن بىز بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ سۈرگۈندىكى لېدىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىن چىققانلىقى ۋە مىللىي مۇجادىلىگە رەھبەرلىك قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلەش ئارقىلىق، بىر مۇجادىلىرىنىڭ ئون يىللىقىنى پۈتۈن دۇنياغا خاتىرىلەتمەك ئۈچۈن پائالىيەت ئۇيۇشتۇردۇق» دېدى.

ئۇ، «سىزچە، ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسى قانداقراق كېتىۋاتىدۇ؟» دەپ سورىغان سوئالىمىزغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار بۇ ئون يىل ئىچىدە ھەممىدىن ئاۋۋال پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە كىردى. ئون يىل ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ۋە ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىنىڭ قايسى ھالدا ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز تۈرك خەلقى بۈگۈن خىتاي ئىشغالىيىتىدە مىليونلارچە قىرىنداشلىرىنىڭ بارلىقىنى،روزا تۇتماق، ناماز قىلماق، ھەجگە بارماق مەسىلىلىرىدە چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتتى. بۇنىڭغا قاراپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ دۇنيا كۈنتەرتىپىگە كېلىشىدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەجرى كۆپ دەپ ئويلايمەن.»

تۈركىيەدىن ئالاھىدە قەدەم تەشرىپ قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئون يىلىنىڭ نەتىجىلىك ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان تۈركىي سىستېمىسىدىكى بارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن تەقدىم قىلىنغان بۇ مۇكاپاتنىڭ قىممىتىنى يۇقىرى دەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى مىللىي دەۋانىڭ ئىستىقبالىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن ئاداققا قەدەر بىرگە ماڭىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گېرمانىيەدىن كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇن ھاجىم، «بۇ دەۋا يالغۇز رابىيە قادىر خانىمنىڭلا ئەمەس، بەلكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دەۋاسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىش ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر» دېدى ۋە جاز‏ئا ۋە مۇكاپات تۈزۈمىنىڭ رولى ھەم ئەھمىيىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن ئون يىللىق مۇساپىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيەلىرىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىپ، بارغانسېرى تېزلەشكەنلىكىنى شىكايەت قىلدى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدىكى مىللىي ھەرىكىتىنىڭ قايسى باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى ھەققىدە توختالدى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئىسا قاراجىممۇ پىكىر بايان قىلدى. پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغانلاردىن ئابدۇسالام ئەپەندىمۇ رابىيە قادىر خانىم «ھەقلىق دەۋانى مىسلى كۆرۈلمىگەن سەۋىيىگە يەتكۈزدى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلەردىن «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى سادىقجان سەلەي ئەپەندى بۇ پائالىيەت ئارقىلىق، دەۋا يوللىرىدا تەر تۆكۈۋاتقانلارغا مەدەت بېرىش ۋە بۇ ئارقىلىق دەۋانىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەت ئەھلى پائالىيەت ئاخىرىدا ئۆز-ئارا ھال-مۇڭ بولۇشتى ۋە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.