غەرب تەتقىقاتچىلىرى خىتايدىن سەنۇبەر تۇرسۇن قاتارلىق ئۇيغۇر داڭدارلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
2019.01.29
ئۇيغۇر سەنئەتكارى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن فىرانسىيەدە باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان مەخسۇس كونسېرتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياۋروپادىكى 40 تىن ئارتۇق تەتقىقاتچى ۋە پروفېسسور ئىمزالىق بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىن سەنۇبەر تۇرسۇن قاتارلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارى، زىيالىيلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەدىن ئاڭلاڭ.
28-يانۋار، بېلگىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن «لا-لېبىگې» (ھۆرىيەت) گېزىتىدە ۋە يەنە بىر قانچە تورلاردا، فىرانسىيە، بېلگىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇزىكا ۋە مەدەنىيەت سەنئىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ۋە خىتايشۇناسلار ئىمزاسىدا خىتايدىن سەنۇبەر تۇرسۇن قاتارلىق ئۇيغۇر داڭدارلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ يازغان مەخسۇس ئىمزالىق بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىندى.
باياناتتا داڭلىق ئۇيغۇر ناخشىچى، كومپوزىتور سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە فىرانسىيەنىڭ غەربىدىكى رېننىس، ئانگىرىرېس، نانتېس شەھەرلىرىدىكى ئوپېرالاردا بېرىلىدىغان كونسېرتلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى، بۇ كونسېرتنىڭ بىكار قىلىنىشىغا بۇلتۇر 11-ئايدىن باشلاپ سەنۇبەر بىلەن ئۇنى تەكلىپ قىلغان ئورۇنلارنىڭ ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى سەۋەب بولغانلىقى رەسمىي ئۇقتۇرۇلغان.
ئاگاخان فوندىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىلگىرىكى يىللاردا ئەنگلىيە، فىرانسىيە، تۈركىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك كونسېرتلارنى بەرگەن داڭلىق مۇزىكانت، ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇن، ئاگاخان ۋە يەنە بىر قانچە سەنئەت تەتقىقات ئورۇنلىرى ھەم بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ نۆۋەت 2019-يىلى، فېۋرالدا فىرانسىيەدىكى 3 شەھەردە كونسېرت بېرىدىغانلىقى 2018-يىلى ئەتىيازدا ئېلان قىلىنغان ئىدى. مەزكۇر باياناتتا، مەزكۇر كونسېرتنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەندىن باشقا سەنۇبەر تۇرسۇن قاتارلىق ئۇيغۇر داڭدارلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا بولغان ئەندىشە ۋە مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىدەك ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىسپاتلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن.
بۇ بايانات ئارقىلىق مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدا سەنۇبەر تۇرسۇن ھەققىدە زور ئەندىشە قوزغالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىنغان.
بۇنىڭ ئالدىدا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچى دوكتور راچەل خارس خانىم 17-يانۋار «يەر شارى پوچتىسى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ داڭلىق ئۇيغۇر سەنئەتكار سەنۇبەر تۇرسۇن بىلەن 2000-يىلىدىن باشلانغان نورمال ئالاقىسىنىڭ 2018-يىلى نويابىردىن باشلاپ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى، ئۆزىنىڭ سەنۇبەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرى ۋە شۇنىڭدەك خىتاي جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلىپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئېغىر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان ئىدى.
فىرانسىيە، بېلگىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مەزكۇر ئىمزالىق باياناتىدىمۇ يۇقىرىقى ماقالە ھەمدە رادىئومىزدا سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ 5 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر مۇھىم مەنبە قىلىپ كۆرسىتىلىپ، بۇنىڭ سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ ئىسمىنىڭمۇ يېقىنقى بىر قانچە ئاي ئىچىدە، بارغانچە سانى ئېشىپ بېرىۋاتقان تۇتقۇنغا ئۇچرىغان ياكى يوقاپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلار تىزىملىكىگە قوشۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەنۇبەر تۇرسۇن ۋە باشقا ئۇيغۇر سەر خىللىرى، زىيالىيلىرىنىڭ قەيەردىلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە جاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىنغان.
مەزكۇر باياناتقا ئىمزا قويغۇچى ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان فىرانسىيەدىكى دوكتور دىلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاساسلىق ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىغا قىزىققۇچى ۋە ئۇيغۇرلارنى ھەمدە خىتاينى تەتقىق قىلىدىغان بۇ مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر بايانات ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ يالغۇز سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ تەقدىرىدىن پەرىشان ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلىش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپلا قالماي بەلكى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ كونسېرتىنىڭ بىكار قىلىنىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى يەنى ئۇيغۇرلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۇچراۋاتقان تراگېدىيەگە مەركەزلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنى مەزكۇر مەسىلىدە ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئۇيۇشتۇرۇش ۋە بايانات بېرىشقا تەشكىللەشتە ئاساسلىق رول ئوينىغان ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن بېلگىيە بىريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى فىرانسۇز ئۇيغۇرشۇناس ۋېنېسا فرانگۋىللې خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى:
ئۇ، مەزكۇر ئىمزالىق باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نېمىلەر تەلەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى:
ئۇ: «مەن ئۆزۈمنىڭمۇ ئۇيغۇر داڭلىق سەنئەتكارى سەنۇبەر تۇرسۇن بىلەن ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق كونسېرتىدا تونۇشۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى، كونسېرتنىڭ ئۇنىڭ يوقاپ كېتىش سەۋەبى بىلەن بىكار قىلىنغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم ۋە پەرىشان بولدۇم، لاگېرغا قامالغان ۋە تۇتقۇندىكى ۋە ياكى يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇر داڭدار مۇزىكانت، ناخشىچى قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەھۋالى غەربتىكى بىزگە ئوخشاش نۇرغۇن مۇتەخەسىسلەردىمۇ زور ئەندىشە پەيدا قىلماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا قانداق ياردەم قىلالايمىز دېگەن نۇقتىدا تەتقىقاتچىلاردىن ئىمزا توپلاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشكە باشلىدۇق. گەرچە دەسلەپ مەزكۇر بايانات 40 كىشىنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئوچۇق قويۇلغان ئىمزا توپلاش سۇپىسىدا ئىمزا قويۇۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر سانى داۋاملىق ئېشىپ بارماقتا. بۇنىڭدىنمۇ مەزكۇر مەسىلىنىڭ يەنى سەنۇبەر تۇرسۇن قاتارلىق بىگۇناھ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ خەلقئارادىكى مەتبۇئاتلار سىياسىي ساھەلەر بىلەنلا چەكلەنمەستىن ئۆز نۆۋىتىدە ئىلمىي تەتقىقات ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرەلىسە كېرەك دەپ ئويلايمەن».
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ بايانات يەنە خەلقئارالىق مەتبۇئاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم دوكلات، خەۋەر ۋە باياناتلاردىن ئۆرنەك ئېلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى يورۇتۇلدى. بىز بايانات ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي، مەدەنىيىتى ۋە مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، مەدەنىيەت-سەنئەت ۋە ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە بۇنىڭغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەيمىز».
بىريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇرشۇناس ۋېنېسا فرانگۋىللې خانىم يەنە ئۆزلىرىنىڭ بۇ بايانات بىلەنلا توختاپ قالمايدىغانلىقى، كېيىنكى قەدەمدە، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىغا ئىمزالىق خەت يوللاپ تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلار زىيالىيلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش، ئۇلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش ۋە لاگېرلارنى شەرتسىز تاقاش قاتارلىقلارنى كۈچلۈك يوسۇندا تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە سۆزىدە: «گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى سەنۇبەر تۇرسۇنغا ئوخشاش ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنى باستۇرۇش نىشانى قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايلاشتۇرۇش مېڭە يۇيۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، مەن بۇنى ئەخمىقانىلىك دەپ قارايمەن. بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى توسۇپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس، بولۇپمۇ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي دەۋرلەردىن ئەڭ قىيىن مەزگىللەردىمۇ ئۆزىنىڭ ھاياتلىقىنى ساقلاپ قالالىغان ۋە زامانغا ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتىدەك خاسلىققا ئىگە بۈيۈك مەدەنىيەت تېخىمۇ يوقالمايدۇ» دەپ تەكىتلىدى.
بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت تورلىرىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياۋروپادىكى 40 تىن ئارتۇق پروفېسسور ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ مەخسۇس ئىمزالىق بايانات ئېلان قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى، ئۇيغۇر سەنئەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان يەنە بىر توپ غەرب زىيالىيلىرىنىڭ سەنۇبەر تۇرسۇن قاتارلىق ئۇيغۇر سەنئەتكار، زىيالىيلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ بايانات ئېلان قىلىشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىدە يۇقىرى ئىنكاس پەيدا قىلالايدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى: «بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان بۇ غەرب زىيالىيلاردىكى مەسئۇلىيەتچانلىق روھىدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار مەيلى ئۆزلىرى قانداق ساھەدە بولمىسۇن ئۇيۇشۇش ۋە ئۇيغۇرلارنى لاگېرلاردىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئورتاق ۋەزىپە ھەم باش نىشان قىلىشىنىڭ تەخىرسىزلىكىنى يەنىمۇ تونۇپ يېتەلەيدۇ دەپ قارايمەن» دەپ تەكىتلىدى.