1-مارت كۈنى ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە تىلشۇناس ئالىم شېرىۋاخۇن باراتوفنىڭ 80 يىللىق تەۋەللۇدى مۇناسىۋىتى بىلەن «كېچىلىك قۇياش» ناملىق ئەسلىمىلەر كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەسپىي لېكسىكىسى»، «رۇسچە-ئۇيغۇرچە تىلشۇناسلىق ئاتالغۇلىرىنىڭ لۇغىتى»، «ھەر نەرسىنىڭ ئۆز نامى بار» ناملىق ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ، كۆپلىگەن ئوقۇش قوراللىرىنىڭ ئاپتورى ش. باراتوف 2012-يىلى 78 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى. زىيالىيلار، ھەر خىل كەسىپ ئىگىلىرى، مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى قاتناشقان مەزكۇر مۇراسىمدا ش. باراتوفنىڭ قازاقىستان ئىلىم-پەنىگە ۋە مىللىي مائارىپقا قوشقان تۆھپىسى ئالاھىدە تەكىتلەندى. سۆزلىگۈچىلەر كىتابنى تەييارلىغان ۋە يورۇققا چىقارغان مەرھۇمنىڭ ئۆمۈرلۈك جۈپتى، ئۇستاز ماھىلەم مەسىموۋاغا، شۇنداقلا شاۋكەت نەزەروف ۋە مالىك مەھەمدىنوفلارغا ئۆزلىرىنىڭ چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
«كېچىلىك قۇياش» ناملىق كىتابقا ش. باراتوفنىڭ كەسىپداشلىرى، شاگىرتلىرى، قوۋم-قېرىنداشلىرى ۋە دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئومۇمىي ھەجمى ئون ئىككى باسما تاۋاقتىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭدا ئاكادېمىك ئابدۇۋەلى قايداروف، مەھەممەتىمىن ئوبۇلقاسىموف، ئەخمەتجان ھاشىروف، قەھرىمان ئەمەتوف، لېتىپ جەلىلوف، باسىت خۇدايبەردىيېف، زېرىۋاخۇن مولوتوف، خاسىيەت يۈسۈپوۋا، رابىك ئىسمايىلوف، ساۋۇت ئىسكەندەروف قاتارلىق تونۇلغان ئالىملار، يازغۇچى ۋە شائىرلار، مەرىپەتچى ۋە ئۇستازلارنىڭ خاتىرىلىرى ئورۇن ئالغان.
ئاكادېمىك ئابدۇۋەلى قايداروپ: «شېرىۋاخۇن باراتوف بىردىن قىزغىن كەيپىيات بىلەن ئىلمىي ئىشىغا كىرىشىپ كېتىدۇ ھەم ئۇزاق ئۆتمەيلا مۇشۇ قۇرلار مۇئەللىپىنىڭ رەھبەرلىكىدە ‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەسپىي لېكسىكىسى› بويىچە كاندىدات دوكتورلۇق (نامزاتلىق) دىسسېرتاتسىيىسىنى ياقىلايدۇ. ئالىمنىڭ مۇنداق ماۋزۇنى تاللاپ ئېلىشى تاسادىپىي ئەمەس ئىدى. بىرىنچىدىن، شېرىۋاخۇن باراتوف بۇ ساھە بويىچە ھايات تەجرىبىسى ئارقىلىق خېلى تەييارلىققا ئىگە بولغان بولسا، ئىككىنچىدىن، ھەم، ئەڭ مۇھىمى، ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى لېكسىكولوگىيە ساھەسى بويىچە ئۆز مۇتەخەسسىسىگە موھتاج ئىدى. شۇنداق قىلىپ، قەدىمىي ھەم باي تىلىمىزنىڭ لېكسىكىسىنى ئۆگىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۇنى ئىلمىي ئاساستا تەرەققىي ئەتكۈزىدىغان ئالىم يېتىلىپ چىقتى» دەپ يازىدۇ.
مۇراسىمدا شائىر م. ئوبۇلقاسىموف، مەرھۇمنىڭ نەۋرىلىرى نازۇگۇم ۋە مەلىكەم نەزەروۋالار ئۆز شېئىرلىرىنى ئوقۇدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئاتامۇرا» نەشرىياتى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ش. باراتوفنىڭ شاگىرتى مالىك مەھەمدىنوف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.