فانتازىيە يازغۇچىسى، ئۇستاز مۇھەررىر سۇلتان ھاشىم ئالەمدىن ئۆتتى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىغا ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى سىڭدۈرگەن، كۆپلىگەن ياخشى كىتابلارنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان ياش تەھرىرلەرنى تەربىيىلەپ چىققان ئىقتىدارلىق يازغۇچى مەرھۇم سۇلتان ھاشىمنىڭ ۋاپات بولدى.

ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىغا ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى سىڭدۈرگەن، كۆپلىگەن ياخشى كىتابلارنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان ياش تەھرىرلەرنى تەربىيىلەپ چىققان ئىقتىدارلىق يازغۇچى مەرھۇم سۇلتان ھاشىمنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇنىڭ ئۆز خەلقىگە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

يازغۇچى، ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىدا ئىلمىي فانتازىيە ژانىرى بويىچە يول ئاچقۇچى، پېشقەدەم نەشرىياتچى ئۇستاز مۇھەررىر سۇلتان ھاشىم 2014-يىلى 13-ئاۋغۇست سەھەردە يۈرەك تىقىلما كېسەللىكى بىلەن ئۈرۈمچىدە 73 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.

مەرھۇم سۇلتان ھاشىم 1941-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1959-يىلىدىن 1962-يىلغىچە ئۇيغۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماشىنىسازلىق كەسپىدە ۋە سانائەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1964-يىلدىن 1982-يىلىغا قەدەر ئۆكتەبىر تراكتور زاۋۇتىدا ئىنژېنېر بولۇپ ئىشلىگەن. 1982-يىلىدىن باشلاپ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان.

سۇلتان ھاشىم تونۇلغان يازغۇچى بولۇپ، 1979-يىلى ئەدەبىيات سېپىگە قەدەم قويغاندىن تارتىپ تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ «بازغان»، «يىلانلىق قورۇق»، «ياغاچ ئاتلىق شاھزادە»، «ئېچىلغان نىقاب»، «ئاخىرقى قارار»، «پەرۋانە» ۋە «پائالىيەت ئۆيىدىكى پاراڭلار» قاتارلىق رومان ۋە ھېكايە توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ «يىلانلىق قورۇق» ناملىق فانتازىيەلىك ئەسىرى ئۆزبېكىستاندا ئۆزبېك تىلىدا نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە «بۇزغۇنچى»، «قوش تىرەك» قاتارلىق ئەسەرلىرى مەكتەپ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

سۇلتان ھاشىم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇنجى بولۇپ فانتازىيە ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى باشلاپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ئاۋانگارتلىق رول ئوينىغان. ئۇنىڭ «سىرلىق سىگنال» ناملىق ئەسىرى ئاپتونوم رايون بويىچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

يازغۇچى سۇلتان ھاشىمنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرىدىن بىرى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، دوكتور ئاسپىرانت مۇختارجان ئابدۇراخمان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ يازغۇچىنىڭ بالىلار ئەدەبىياتىدىكى فانتازىيىلىك ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

مەرھۇم سۇلتان ھاشىم يەنە، ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا نەشرىياتچىلىق، بالىلار تەربىيىسى ۋە باشقا تېمىلاردا 40 پارچىغا يېقىن ماقالە ئېلان قىلغان.

سۇلتان ھاشىم ئىسلام دىنى تارىخىغا پۇختا بولۇپ، بىر مەزگىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئىسلام تارىخىدىن تەكلىپ بويىچە دەرس بەرگەن.

يازغۇچىنىڭ ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىغا قوشقان تۆھپىلىرى ھەققىدە توختالغان مۇختارجان ئابدۇراخمان بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئاسپىرانت مۇختارجان ئابدۇراخمان يازغۇچى، ئۇستاز مۇھەررىر سۇلتان ھاشىمنىڭ ۋاپاتىغا ئۆزىنىڭ چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.