تۈرك دۇنياسى شائىر-يازغۇچىلار ئۇچرىشىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار شېئىر ئوقۇلدى
2013.11.19

2013-يىلى 11-ئاينىڭ 16-17-كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ ئانتالىيە شەھىرىدە، ئانتالىيە ئەدەبىيات -سەنئەت ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، تۈرك دۇنياسىنىڭ شائىر-يازغۇچىلار ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم قاتناشتى ۋە ئاي -يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى يىغىن زالىغا ئېسىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار شېئىر ئوقۇدى.
يىغىنغا ئەرەزبەيجان، قىبرىس، ئىراق، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، بوسنىيە ھېرسىك، فىرانسىيە، بۇلغارىيە، غەربىي تىراكىيە قاتارلىق 10 دۆلەت ۋە رايوندىن 200 دىن ئارتۇق شائىر ۋە يازغۇچى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئانتالىيە ئەدەبىيات -سەنئەت ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ساۋاش ئۇنال ئەپەندى، دۇنيادىكى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ تىللىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىش ۋە تۈرك تىللىرىنى قوغداش شۇنداقلا كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش مەقسەتتە بۇ يىغىننىڭ ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈردى.
1-نۆۋەتلىك ئانتالىيە تۈرك دۇنياسى ئەدەبىيات ئۇچرىشىش يىغىنىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق شائىر ۋە يازغۇچى ئۆز-ئارا بىر-بىرى بىلەن تونۇشتى. بۇ يىغىنغا ئەزەربەيجاندىن 85 نەپەر يازغۇچى ۋە شائىر قاتناشقانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
يىغىندا ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم ئېكراندا ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان رەسىم كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، «كىمسەن، نېمەسەن؟ نەدەسەن؟» ۋە «مۇستەقىللىق ئارزۇسى» دېگەن تېمىدىكى شېئىرلارنى ئوقۇدى ۋە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق، نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم، بۇ يىغىندا شېئىر ئوقۇش ئەمەس بەلكى ئاي -يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقىنى لەپىلدىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.