ئىبراھىم قىلىچ: تۈركلەر ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستان كۆڭۈلدىن يىراق بولمىسۇن»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.05.30
meschit-nazaret-tekshurush-aparat-1.jpg ئۇيغۇر ئېلىدا كوچا، مەھەللە ۋە مەسچىتلەرنى كۆزىتىش ئۈچۈن بۇلۇڭ پۇچقاقلارغا ئورنىتىلغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرى. 2010-يىلى 2-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس ئېيى رامازاندا تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارقا-ئارقىدىن ئورۇن بېرىلىشكە باشلىدى.

25-ماي كۈنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ تور گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «دىرىلىش گېزىتى» دە «شەرقىي تۈركىستان كۆڭۈلدىن يىراق بولمىسۇن» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلىندى. ئوبزور مۇنداق باشلانغان: «بۇرۇن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلاردا مەلۇمات بولمىغاچقا رادىيولاردىن بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشاتتۇق».

ماقالە ئاپتورى ئىبراھىم قىلىچ ئەپەندى ئۆز ئوبزورىدا بۈگۈنكى كۈندە گەرچە تېخنولوگىيە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر دىيارىدىن خەۋەر ئىگىلەشنىڭ ئىنتايىن قىيىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «تېخنولوگىيە كۆپ تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ ئۆلچىمىمىزگە توشۇدىغان توغرا خەۋەرنى ئىگىلىيەلمەيۋاتىمىز. بەزى ۋاقىتلاردا كۆپ ساندا ئويدۇرما خەۋەرلەرنىمۇ ئۇچرىتىمىز. يالغان خەۋەرلەرنىڭ كۆپىنى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ تارقىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدۇق. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا خاتا، يالغان ۋە ئويدۇرما خەۋەرلەر كاللىمىزنى قايمۇقتۇرماقتا. بۇ ئەھۋال كىشىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىغا توسالغۇ بولماقتا».
ئۇ، ئوبزورىدا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا تۈركىيەدە خىتاينى ماختاپ يېزىلغان خەۋەر بىلەن خىتاينى دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىدىغان خەۋەرلەرنىڭ كۆپلۈكىنى، خەۋەر ئۆلچىمىگە توشۇدىغان توغرا خەۋەرلەرنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، ئوبزورىدا خىتاي دۆلىتىنىڭ دىكتاتورىلىق تۈزۈمى بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلار دىيارى توغرىسىدا توغرا مەلۇمات ئىگىلەشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىبراھىم قىلىچ ئەپەندى «دىرىلىش گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان كۆڭۈلدىن يىراق بولمىسۇن» ماۋزۇلۇق ئوبزورىدا قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان تىراگېدىيەلەرنى، ئۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرنى «ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغانلىقى» نى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم ۋە بېسىمنىڭ بارلىقى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان بىر ھەقىقەت. كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن ئىشىكى ئېتىۋېلىنغان شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە كىشىنىڭ لاگېردا، نەچچە كىشىنىڭ تۈرمىدە، نەچچە كىشىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى رايونلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس.»

ئۇ، ئوبزورىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان چېكىدىن ئاشقان بېسىم سىياسىتىنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا ئىسلام كونفېرەنسىيەسى تەشكىلاتىغا ئوخشاش چوڭ خەلقئارالىق ئىسلام دۆلەتلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار دىيارىدىن توغرا ۋە ئىشەنچلىك مەلۇماتلارنى ئىگىلەپ تارقىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بىز ئوبزور ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر ئوبزورنىڭ ئاپتورى ئىبراھىم قىلىچ ئەپەندىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ كۆز قاراشلىرىنى ئوبزوردا بايان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېپىق «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان كۆپلىگەن خەلقئارالىق مەتبۇئاتلار بۇ ھەقتە تۈرلۈك خەۋەر ئانالىزلىرى ۋە تەپسىلاتلارنى ئېلان قىلىپ، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ بۇ لاگېرلارغا سولانغانلىقى ھەم بۇ لاگېرلاردىكى قىيىن-قىستاق ھەم مەجبۇرىي مېڭە يۇيۇش ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى سىرلار پاش بولۇشقا باشلىدى. بۇنىڭ تەسىرىدە بۇ ھەقتە تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ بىر قىسىم ئوبزورلار ۋە ئۇچۇرلار ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.

لېكىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا دىنىي ئىشلار كومىتېتى ۋە بىر قىسىم ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ھەم خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ خىل ساقچى دۆلىتى تۈزۈمىنى تەنقىد قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار بىلەن ئېتنىك ۋە دىنى قېرىنداشلىققا ئىگە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ياكى پارلامېنتى بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ھېچنېمە دېمىدى. خەلقئارالىق ئىسلام تەشكىلاتلىرىدىنمۇ ھېچقانداق ئىنكاس چىقماي كەلمەكتە ئىدى. بۇ نۇقتا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

بۇنىڭ سەۋەبى ئىبراھىم قىلىچ ئېيتقاندەك ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلقئارا ئىسلام كونفېرېنسىيەسىگە ئوخشاش تەشكىلاتلارنى توغرا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش بىلەنلا مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
«ئۇيغۇرنېت تور گېزىتى» نىڭ مەسئۇلى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىبراھىم قىلىچ ئەپەندىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان كۆڭۈلدىن يىراق بولمىسۇن» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە مەۋجۇت مەسىلىگە توغرا دىئاگنوز قويۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ نېمە ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىدىن ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە بىرەر ئىنكاس چىقمىغانلىقى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەنقەرەدىكى تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئاپتور ئوبزورىدا ئېيتقاندەك تۈركىيەدە بەزى كىشىلەرنىڭ خىتاينى رەقىب دەپ قارايدىغانلىقىنى، بەزى كىشىلەرنىڭ بولسا خىتاينى ياخشى كۆرىدىغان ھادىسىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مەلۇم بىر دۆلەت ياكى مەلۇم بىر شىركەت بىر مەسىلىگە قارىتا سىياسەت بەلگىلەپ چىقىش ئۈچۈن توغرا مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى، شۇڭا ئوبزورچى ئوتتۇرىغا قويغانلارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئەركىن ئەكرەم تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ۋە ياكى خەلقئارا ئىسلام كونفېرەنسىيەسى ۋە ياكى باشقا خەلقئارالىق مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنى توغرا ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەندىلا ئۇلار ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بولۇشى مۇمكىنمۇ-ياكى مۇمكىن ئەمەسمۇ دېگەن نۇقتىدا تەھلىل يۈرگۈزدى.

ئىلگىرى تۈركىيەدىكى داڭلىق گېزىتلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە خېلى ئۇچۇرلارنى ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللار ئىچىدە تۈركىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قويۇقلىشىشى نەتىجىسىدە بۇ خىل مەتبۇئات پائالىيەتلىرى بىرئاز پاسسىپلاشقان ئىدى. ئەمما يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان بۇنىڭ يەنە ئاكتىپلىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

«شەرقىي تۈركىستان كۆڭۈلدىن يىراق بولمىسۇن» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئەنە شۇ خىلدىكى ماقالىلەرنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر ئوبزور تۈركىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدىمۇ ئېلان قىلىنغان. ئوبزورچى ئىبراھىم قىلىچ ئەپەندى 2009-يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ ساندا ئوبزور يېزىپ ئېلان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.