د ئۇ ق رەھبەرلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى چاغان ئۆتكۈزۈشكە، چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى
2019.02.07
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى پانۇس ئېسىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، چاغان ئۆتكۈزۈشكە ۋە چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىغان.
بىرقانچە كۈندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۈرۈمچى ۋە ئاتۇشتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايچە كىيىنىپ، خىتايچە ئۇسۇللارنى ئويناپ، خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتقانلىقىغا ئائىت سىن كۆرۈنۈشلىرى تارقىلىشقا باشلىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قارىتا كۈچلۈك ئىنكاسلارنى قايتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ غەزەپ-نەپرەتلىرى ئىپادە قىلىشماقتا.
6-فېۋرال «فىرانسىيە ئاۋازى» رادىئوسى «چوشقا يىلى چاغان بايرىمىدا: شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار چاغان ئۆتكۈزۈشكە، چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاندى» ناملىق خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە غۇلجا شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئېلى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر باشلىقىنىڭ چوشقا گۆشىنى پارچىلاۋاتقان سۈرىتى قوشۇپ بېرىلگەن.
خەۋەردە «كەڭ كۆلەمدە قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى تەسىس قىلىنىپ، مىليونلىغان ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىق خەۋەرلىرى ئېلان قىلىنىۋاتقان شىنجاڭدا، ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ مۇسۇلمانلارنىڭ چاغان بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە، چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلانغانلىق ئۇچۇرلىرى تارقالغان ئىدى. دەرۋەقە، بۇ يىل چوشقا يىلى، چاغان بايرىمىدا شىنجاڭدىن مۇشۇ خىلدىكى خەۋەرلەر يېتىپ كەلدى،» دېيىلگەن.
خەۋەردە يەنە ئىلى ۋىلايىتىدىكى قازاقلارنىڭ ھاراق ئىچىشكە، چوشقا گۆشى يېيىشكە، ئۆيلىرىگە پانۇس ۋە چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغان قىزىل لاتىلارنى ئېسىپ، خىتايلار بىلەن بىرگە چاغان ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلانغانلىقى، قارشى چىققۇچىلارنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچى» ئاتىلىپ جازا لاگېرلارغا سولىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرگە مەجبۇرلاش ھادىسىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدە تېخىمۇ ئېغىرلىقى ھەم ئەسكەرتىلگەن.
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ يىل خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى ئۇيغۇرلارغا زورلاپ تېڭىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدا ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا تېخىمۇ شىددەتلىك بىر بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل چاغاننىڭ ئالدىدا نامرات ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە چوشقا گۆشى تەركىبى بولغان چاغانلىق سوۋغىلارنى كۆتۈرۈپ كىرىپ يېيىشكە مەجبۇرلىغان. ھاراق ئىچمەيدىغان ئائىلىلەرگە ھاراق كۆتۈرۈپ كىرىپ بىرگە ئىچىشكە قىستىغان ۋە بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەقىدە دەرىجىسىنى ئۆلچەش، رادىكاللىقىغا دىئاگنوز قويۇشنىڭ ۋاسىتىسى قىلغان.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھىممىدى ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى چاغان ئۆتكۈزۈشكە، چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاش قىلمىشلىرى ھەققىدە توختالغاندا بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنى ھەتتا گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى تۇتقۇنلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، «بۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قىلىنغان ھاقارەت ۋە ھۇجۇم،» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.
«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قۇرۇلتاي دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي ئەقىدىلىرىنى خورلاش ھادىسىلىرىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا كۈچلۈك قارشىلىق قوزغايدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە بۇ قىلمىشنى «ھەددىدىن ئاشقان زۇلۇم» دەپ ئاتىدى.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى چېكىدىن ئاشقان زۇلۇملىرى سەۋەبلىك كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خەلقئارا بېسىملارغا جاۋابەن خىتاي ھاكىمىيىتى گەرچە جازا لاگېرلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشكە ھەمدە بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر قېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مىللىتىنى تامامەن خىتايلاشتۇرۇش ياكى يوقىتىش نىيىتىدىن ۋاز كەچمىگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن جازا لاگېرلىرىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشلىرىنى داۋام قىلدۇرماقتا ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر مىللەت كىشىلىرىنى دىنىي ئەقىدىلىرىدىن، مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن ئايرىپ تاشلاش ئۈچۈن پۈتۈن چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلماقتا ئىكەن.