شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرىستان مەشرىپى ساخاۋەت ئىشلىرىدا ئۈلگە بولماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2015.09.30
uyghuristan-meshripi-saxawet.jpg شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرىستان مەشرىپى تۈركىيەدىكى تايلاند ۋە مالايشىيادىن كەلگەن ئۇيغۇرلارغا ئاتىغان قويلىرى. 2015-يىلى 24-سېنتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Éhsan

شۋېتسيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان «ئۇيغۇرىستان مەشرىپى»دىكى ياشلار ساخاۋەت ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىگىلىشىمىزچە، «ئۇيغۇرىستان مەشرىپى» دىكىلەر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر ياشلاردىن تەشكىل تاپقان ئىكەن. ئۇلار نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ھەر خىل ساخاۋەتلىك پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

بۇ يىل رامزان مەزگىلىدە، بۇ مەشرەپ ياشلىرى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ئۇلارنىڭ بەرگەن زاكات ۋە فىتىرە بولۇپ 23 مىڭ كۆرۈن پۇلىنى تايلاند ۋە تۈركىيەدىكى ئېھتىياجلىق قېرىنداشلارغا يەتكۈزگەن.

بۇ قېتىملىق قۇربان ھېيتتا بولسا يەنە، قۇربانلىق قىلىشنى نىيەت قىلغان ئۇيغۇرلاردىن يىغىلغان 21 مىڭ كۆرۈننى شىۋېتسىيەدىكى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يىغقان 29 مىڭ كۆرۈن پۇلى بىلەن قوشۇپ، تۈركىيەدە بۇ پۇلغا 27 دانە قوي ئېلىپ قۇربانلىق قىلغان. ئۇنىڭ گۆشلىرىنى شۇ يەردىكى تايلاند ۋە مالايشىيادىن كەلگەن ئۇيغۇرلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن.

«ئۇيغۇرىستان مەشرىپى»دىكى ياشلار ئۆتكەن يىلى خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن 10مىڭ دوللار ئىئانە قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇرىستان مەشرىپىنىڭ يىگىت بېشى دانىيار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزنى جاۋابلاندۇردى.

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان مىنەۋەر خانىم «ئۇيغۇرىستان مەشرىپى» دىكى ساخاۋەتچى ياشلار ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىدىن شىۋېتسىيەدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سۆيۈنگەنلىكىنى ھەمدە قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.