خىتاي-ياپون ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى مەخپىي «ز» يولى

0:00 / 0:00

1937-يىلى، 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى لۇگوچاۋ ۋەقەسىدىن كېيىن ياپونىيە-جۇڭگو ئۇرۇشى رەسمىي باشلاندى. ياپونىيە ئارمىيىسى كەڭ كۆلەمدە شىمالىي جۇڭگوغا ھۇجۇم باشلىدى. لۇگوچاۋ ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 44 كۈندىن كېيىن، يەنى 1937-يىلى، 8-ئاينىڭ 21-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا ئۆزئارا «ھۇجۇم قىلماسلىق شەرتنامىسى» ئىمزالاندى.

ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، ياپونغا قارشى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى. گومىنداڭنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىدا ئۇيغۇر ئېلى چوڭ ئارقا سەپ بولغان ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن جۇڭگوغا توشۇلىدىغان قورال-ياراقلار ئۇيغۇر دىيارى ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى مەزكۇر قورال-ياراق توشۇش يولىنى مەخپىي تۈردە «ز» يولى دەپ ئاتىغان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان رۇسىيە ئالىملىرى بۇ ھەقتە كۆپلەپ ماقالىلەر ئېلان قىلدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرغان مەزكۇر «ز» يولى خىتاينىڭ 1937-1941-يىللىرى ئارىسىدا ياپونىيە ئارمىيىسىگە تاقابىل تۇرۇشىدىكى « قۇتقۇزغۇچى» لىق رولىنى ئوينىغان ئىدى.