قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى يېڭى يىلنى ساخاۋەتلىك ئىشلار بىلەن قۇتلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2018.12.31
Toqmaq-shehiridiki-anilar-meyip-balilargha-yengi-yil-otkuzup-berdi-01.jpg توقماق شەھىرىدىكى ئانىلار مېيىپ بالىلارغا يېڭى يىللىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ بەردى.
RFA/Feruze

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى بولغان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىگە قاراشلىق ئاياللار كومىتېتى بىلەن ياشلار بۆلۈمى 2019-يىلى كىرىش ھارپىسىدا بىر قاتار ساخاۋەتلىك ئىشلارنى ئېلىپ باردى.

ھەر يىلىنىڭ 31-دېكابىر ئاخشىمى قىرغىزىستانلىقلار يېڭى يىل بايرىمىنى قۇتلاش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزىدۇ. يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىسى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى دەۋرىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە قىرغىزىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بەزى دىنىي گۇرۇپپىلار يېڭى يىل بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قىرغىزىستاندىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاھالىلەر يەنىلا يېڭى يىلنى قۇتلاش مۇراسىمىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە.

ئادەتتە يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى يەسلى ۋە مەكتەپلەردە مەخسۇس پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ. يەنى گۆدەكلەر ئۈچۈن تۈرلۈك ئويۇن ۋە نومۇرلار تەييارلىنىپ، ئۇلارغا ھېكايە سۆزلەش، شېئىر ئوقۇش ۋە باشقا ئويۇن تۈرىدىكى پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ھالبۇكى، سالامەتلىكى ناچار ياكى مېيىپ بالىلار مەكتەپلەردىكى بۇ خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشالمايدۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتقان توقماق شەھىرىدىكى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار كومىتېتى تۇرسۇنئاي ئابىتوۋانىڭ باشلىقىدا مەخسۇس مېيىپ بالىلار ئۈچۈن ئويۇن-پروگراممىلارنى تەييارلاپ، ئۇلارغا تۈرلۈك ئويۇنچۇقلار ۋە شېرىن سوۋغاتلارنى تارقاتتى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۇرسۇنئاي ئابىتوۋا خانىم توقماق شەھىرىدىكى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار كومىتېتى مېيىپ بالىلار ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن يېڭى يىللىق ساخاۋەتلىك ئىشلار ھەققىدە توختالدى. ئۇ يەنە ئۆزلىرىنىڭ 5 يىلدىن بۇيان مېيىپ بالىلارغا ئوقۇش جەھەتتە ياردەم كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

تۇرسۇنئاي خېنىم يەنە ئۆزلىرىنىڭ مېيىپ بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس بىر مەكتەپ ئېچىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. 

يېڭى يىلنى قۇتلاش مۇراسىمى 28-دېكابىر كۈنى توقماق شەھىرىدىكى مەكتەپ-گىمنازىيەسىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «قار بوۋاي» ۋە «قار قىز» بولۇپ ياسىنىپ، تۈرلۈك ئويۇن-تاماشىلارنى ئېلىپ بېرىشتى. ئاياللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى زەينۇرە توختىيېۋا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مېيىپ بالىلارغا ياردەم كۆرسىتىشنى ئۆزلىرىنىڭ بىر بۇرچى دەپ بىلىدىغانلىقىنى، مېيىپ ياكى قارانچۇقسىز بالىلار بىر كۈلۈپ خۇشال بولۇۋالسا، ئۆزلىرىنىڭمۇ خۇشال بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېڭى يىل ھارپىسىدىكى ساخاۋەتلىك ئىشلارنى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ياشلار بۆلۈمىمۇ ئېلىپ باردى. ئۇلار رىشات ئايۇپوفنىڭ باشلىقىدا موھتاج ۋە كۆپ پەرزەنتلىك ئائىلىلەرگە يېڭى يىللىق شېرىن سوۋغاتلار تەييارلاپ، ئۇلارغا تارقىتىپ بېرىشتى. 

ئىگىلىنىشىچە، بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ئىقتىسادىي ئەھۋالى قىيىن ۋە موھتاج ئائىلىلەر خېلى كۆپ ئىكەن. «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ياشلار كومىتېتى «ئالامېدىن» ۋە «قاشقا سۇ» يېزىلاردىكى موھتاج ئائىلىلەرگە ياردەم بەرگەنلىكى مەلۇم. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ياشلار بۆلۈمىنىڭ ئەزاسى كۈرەش ئۆزلىرى ياردەم كۆرسەتكەن ئىككى ئائىلىنىڭ كۆپ پەرزەنتلىك ئائىلىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. 

قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە قازاقىستاندىن قالسىلا ئۇيغۇر جامائىتى ئەڭ كۆپ ياشايدىغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن باشقا خەلقلەرگە ئوخشاشلا جامائەتلىك ئىشلاردا زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەر يىلىدىكى بايرام ۋە ھېيت ئايەملەردە ساخاۋەتلىك ئىشلارنى ئېلىپ بارماقتا. بولۇپمۇ ھەر يىلى رامزان ئېيىدا، روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت بايراملىرىدا، بالىلار بايرىمىدا، تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەندە ۋە ياكى ۋە قېرىنداشلىرى ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغاندا ھەر دائىم ياردەم قولىنى سۇنۇپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.