ئىستانبۇلدا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 19 - يىلللىقى خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00


2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بايراقدارى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ۋاپاتىنىڭ 19 - يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن مەرھۇمنى خاتىرىلەپ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا تۈرك ئەدەبىيات ۋەخپىنىڭ رەئىسى سەرۋەت قاپاقلى سۆز قىلىپ، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ھايات ۋاقتىدا بىرگە ئۆتكەن ۋە بىرگە پائالىيەت قىلغان ئەسلىملىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

يىغىننىڭ كېيىنكى بۆلۈملىرى ئىلمىي مۇھاكىمە بىلەن داۋام قىلدى. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچسى پروفېسسۇر ئابدۇلقادىر دونۇك ئەپەندى، ئېگە ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى پروفېسسۇر ئالىمجان ئىنايەت، مارمارا ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار، يازغۇچى ۋە سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسۇر نەۋزات يالچىنتاشلار ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

ئەنىۋەرجان ئەپەندى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئۆزىگە قىلغان ۋەسىيەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ھەر قېتىم گېرمانىيىدىن ئىستانبۇلغا كېلىپ مەرھۇمنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمدا، ئوغلۇم نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر، دەيتتى ۋە خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېزىلىۋاتقانلىقىدىن دۇنيانىڭ خەۋىرى بولىۋاتامدۇ؟ دەپ سورايتتى. مەن ياۋروپادا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىمىزنى ئاڭلىتىپ تۇراتتىم. مەرھۇم ئەيسا ئەپەندى قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ، ھەر زامان قىلىدىغان گىپى: " سىلەر ياشلار بۇ داۋانىڭ ئىگىلىرى، بىز قېرىپ كېتىۋاتىمىز، بايراقنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىپ بۇ دۇنيادىن ئۆتۈپ كېتىمىز، سىلەر ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىڭلار، دەيتتى.»

ئىستانبۇل تۈرك دۇنياسى ئەدەبىيات فوندىنىڭ يىغىن زالىدا ئېچىلغان بۇ مۇراسىم شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، مۇراسىمغا مەرھۇمنىڭ ئوغلى ئەركىن ئالىپتېكىن، پروفېسسۇر نەۋزات يالچىنتاش، پروفېسسۇر مەھمەت ساراي، راسىم جېنىس قاتارلىق مۇھىم ئەربابلار قاتناشتى ۋە مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى خاتىرىلەپ مۇھىم سۆز قىلدى.

دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ھاياتى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۈركىيىدىكى سىياسىي ھاياتىنى ئىككى تۈرگە ئايرىپ مۇنداق دېدى: «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن تۈركىيىدە ئىككى ساھەدە پائالىيەت ئېلىپ باردى، بۇلارنىڭ بىرىنچىسى، تۈركىيىنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك كوممۇنىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش يولىدا تۇتقان سىياسىي مەيدانى. ئىككىنچىسى بولسا، شەرقىي تۈركىستاننى ئاساس قىلغان ھالدا تاشقى تۈركلەر يەنى تۈركىيىگە قارىتا سىرتتا ۋە ئىچىدە بىر خىل قىزغىنلىقنى ئويغىتىشقا ئوخشاش پائالىيەتلەر يەنى تۈركپەرۋەرلىك مەيدانى. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن تۈركىيىدە كوممۇنىزمغا قارشى كۈرەش قىلدى. كوممۇنىزمنىڭ ئەپتى - بەشىرىنى خەلق ئاممىسىغا ئېچىپ تاشلىدى ۋە كوممۇنىزمغا قارشى ئېقىملار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن كوممۇنىزمغا قارشى ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا خەلقىنى سۆيىدىغان مىللەتپەرۋەر ئىدى.»

بىز مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى يېقىندىن تونۇيدىغان ۋە مەرھۇم ھايات ۋاقىتدا بىرگە ئۆتكەن ياۋروپا شەرقىي تۈركسىتان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.