زەيتىنبۇرنۇدا شەرقىي تۈركسىتان كېچىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2013.09.27


2013 _ يىلى 25 - سىنتەبىر چارشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن زەيتىنبۇرنۇ مەدەنىيەت - سەنئەت زالىدا، شەرقىي تۈركىستان كېچىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ پائالىيەتتە قازاق تۈركلىرىنىڭ تۈركىيىگە قاچان ۋە قانداق كۆچۈپ كەلگەنلىكى، كۆچمەنلەرنىڭ يول ۋە تاغ - داۋانلارنى ئېشىش جەريانىدا تارتقان جاپا - مۇشەققەتلىرى ئاڭلىتىلدى ۋە قازاقلارنىڭ ئۆرپ - ئادەت، مەدەنىيەتلىرى ۋە ناخشا - ئۇسۇل سەنئەتلىرى نامايەن قىلىندى.

ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش كۈنلىرى ناملىق پائالىيەتنىڭ 10 - قېتىملىقى بۇ يىل 16 - سىنتەبىر باشلانغان بولۇپ ھەر كۈنى بىر تەشكىلات ئۆزلىرى ياشاۋاتقان يۇرت ۋە خەلقىنىڭ ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ پائالىيەت كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زەيتىنبۇرنۇ مەدەنىيەت - سەنئەت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان كېچىلىكى» ناملىق پائالىيەتكە، زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىلياس ساكا، گۆكخان قاساپ، زەيتىنبۇرنۇ ناھىيە ھاكىمى ئۇفۇق سەچىلمىش، زەيتىنبۇرنۇ ساقچى باشلىقى مەھمەت ياشار، ھەربىي قىسىم زەيتىنبۇرنۇ شۆبە باشلىقى گېنىرال ئېلى قۇلىئاچىق، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى زەيتىنبۇرنۇ شۆبە باشلىقى باھاددتىن ئۇنۋەر، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى زەيتىنبۇرنۇ شۆبە باشلىقى مەتىن دوغان، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى زەيتىنبۇرنۇ شۆبە باشلىقى فەتھى ئەھمەت ئالپئارسلان، سائادەت پارتىيىسى زەيتىنبۇرنۇ شۆبە باشلىقى كەمال خەيىرلى ئوغلى، زەيتىنبۇرنۇدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە كۆپ ساندا قازاق، ئۇيغۇر، تۈركلەر قاتناشتى.

پائالىيەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى پولۇ بىلەن زىياپەت بېرىلدى. پائالىيەتتە، ياۋرو ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل چىنگىز، قازاقلارنىڭ 1934 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدىن ھىجرەت قىلىپ، تۈركىيىگە قانداق كۆچۈپ كەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق يول، ئىگىز - تاغ داۋانلارنى ئېشىش جەريانىدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىق ۋە جاپا مۇشەققەتلىرى توغرىسىدا رەسىم سىلايد كۆرسىتىش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

پائالىيەتتە زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياقۇپجان، زەيتىنبۇرنۇ ناھىيە ھاكىمى ئۇفۇق سەچىلمىش ئەپەندىلەرنىڭ ئېچىلىش نۇتىقى بىلەن باشلاندى.

ياقۇپجان سۆزىدە بىرلىك ۋە باراۋەرلىك توغرىسىدا توختالدى ۋە شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى، خىتاي زۇلۇمى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋازى بولۇشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ھەمشەھەرلىرىمىزنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، بۇ گۈزەل پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا شارائىت يارىتىپ بەرگەن شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىنغا تەشەككۈر ئېيتىمىز، دېدى. بۇ يەردىكى بىرلىك، شەرقىي تۈركىستان، زەيتىنبۇرنۇ ۋە ئىستانبۇلدىكى بىرلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ. بىر مىللەت چوقۇم مەدەنىيەت - ئۆرپ ئادەتلىرىنى قوغداش بىلەن مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ، دېدى.

ياقۇپجان يەنە مۇنداق دېدى:

- ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك مەدەنىيەت، بىر مىللەتنىڭ، بىر خەلقنىڭ بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم خەزىنىسىدۇر. بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغان، ئۇنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە قىممەتلىك قاراشلىرىدۇر. تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي قىممەتلىرىگە ئىگە چىقمىغان بىر مىللەت يوق بولۇشقا مەھكۈمدۇر. ئەگەر بىر مىللەت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرگەن بولسا، ئۇ مىللەت مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلىدۇ، دېگەنلىكتۇر. مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق، ئۇ خەلقلەرنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ، مۇھىم بولغىنى، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە مەدەنىيەت بىلەن ياشاش ۋە مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشتۇر ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئۆزلەشتۇرمەكتۇر. مەن بۇ كىچىلىك پائالىيەتنىڭ، مىللىتىمىزگە، تۈركىيىگە، تۈرك ئىسلام دۇنياسىغا خۇسۇسەن خىتاي ئىشغال ئاستىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن خەيىرلىك ۋە پايدىلىق بولۇشىغا ۋاسىتە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. ھەممىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.

پائالىيەتتە سۆز قىلغان زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن، زەيتىنبۇرنۇدا بالقانلاردىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە كەڭ بىر جۇغراپىيىدىن كېلىپ توپلاشقان ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئوخشىمىغان جۇغراپىيىلىرىدىن كەلگەن ئىنسانلار ياشاۋاتقانلىقىنى، بۇ زەيتىنبۇرنۇنىڭ باشقا شەھەرلەرگە ئوخشىمايدىغان پەرقلىق ئالاھىدلىكىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئالاھىدلىك بىلەن زەيتىنبۇرنۇ، ھەم تۈركىيە ھەم تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن كىچىك بىر ئۈلگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆرنىكى بۇ كېچىدىكى «شەرقىي تۈركىستان كېچىلىكى» پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇراد ئايدىن سۆزىدە يەنە، زەيتىنبۇرنۇ شەھىرىنىڭ، بىر قانچە قېتىم خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان يىغىنلىرىغا ساھىبخانلىق قىلغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيىگە كۆچۈش جەريانى توغرىسىدا مەخسۇس 6 قسىملىق «سۈرگۈن ۋە ئۆلۈم» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ چىققانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىزمەت - پائالىيەتلەردە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيەتلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

3 سائەت داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتتە قازاقچە، ئۇيغۇرچە، تۈركچە ناخشىلار ئوقۇلدى. تۈرك دۇنياسى سەنئەتچىسى بۇنيامىن ئاقسۈنگۈر ۋە تۈرك ئاۋازى سەنئەت ئۈمىكىنىڭ ئورۇنلىشىدا ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ۋە تۈركچە ناخشا - مۇزىكىلار تەقدىم قىلىندى.

تۈرك سەنئەتچى بۇنيامىن ئاقسۈنگۈر ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپىسى سەھنىدە ئۇيغۇرچە كىيىم كەيگەن بولۇپ، گۈزەل تۈركىستان قاتارلىق بىر قانچە پارچە ئۇيغۇرچە ناخشا - مۇزىكا تەقدىم قىلدى.

بۇ پائالىيەت 16 _ سىنتەبىر باشلانغان بولۇپ 4 - ئۆكتەبىرگىچە 20 كۈن داۋام قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.