ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى مال-چارۋىلاردا كېسەل تارقالغانلىقى مەلۇم
2015.12.22

ئۈرۈمچىدىكى ئاممىنىڭ رادىيومىزغا يەتكۈزگەن ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر ھەپتىدىن بۇيان ئۈرۈمچىدىكى مۇسۇلمان ئامما ئارىسىدا «قوي، كالا گۆشلىرىدە چاتاق باركەن، تالادىن تاماق يىمەي تۇرۇڭلار» دېگەندەك ئۈچۈرلار ۋە گەپ - سۆزلەر تارقالغان.
ئۈندىدار قاتارلىق بىر قىسىم ئۇيغۇرلار كەڭرى قوللىنىۋاتقان ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردا ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى شىخەنزە، ماناس، سانجى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن باقمىچىلىق مەيدانلىرىدا چارۋىلارنىڭ ئاز كۆرۈلىدىغان بىر خىل ۋىرۇستىن زەھەرلىنىش ئەۋج ئالغانلىقى شۇنداقلا كۆپ ساندا ماللارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، بىر قىسىم پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ بولسا بۇ كېسەل تەككەن چارۋىلارنىڭ گۆشىنى ئەرزان باھادا ئۈرۈمچى بازىرىغا ئېلىپ كىرىپ، چوڭ - كىچىك، ئاشخانا، رېستۇران، كاۋابخانىلارغا ئۆتكۈزگەنلىكى، كىشىلەرنىڭ ئاگاھ بولۇشى كېرەكلىكى، چۈنكى ئۈرۈمچى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا مۇشۇ خىلدىكى گۆشلەرنى ئىستىمال قىلىپ زەھەرلەنگەن كىشىلەرنىڭ بايقالغانلىقى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان.
ئېنىقلاشلىرىمىزدىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورگانلىرى، چارۋىچىلىق نازارىتى ۋە ئىدارىلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدە چارۋىلاردا كېسەللىك تارقالغانلىقى ھەققىدە ھېچ قانداق ئۇچۇر تارقىتىلمىغانلىقى مەلۇم، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلىنمىدى، ئەمما ئۈرۈمچىدىكى بىر كىشى مۇشۇ خىلدىكى ئەندىشىلەردىن بولسا كېرەك، گۆش باھاسىنىڭ بىردىنلا تۆۋەنلەپ 43 سومغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ۋە شەھەرلىك دائىرىلەرنىڭ يېقىندا بازارغا ئەرزان باھادا جىددىي توڭ گۆش سالغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز ئاممىنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن، ئاۋۋال ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى بىلەن ئالاقىلاشقان بولساقمۇ، تېلېفوننى ئالغان خادىم مال - چارۋىلاردا يېقىندا كېسەل تارقالغانلىقى ھەققىدە ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىلگىرىمۇ دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا تارقالغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى قامال قىلىپ كەلگەن ئىدى.
بىز يەنە بۇ ئۇچۇرنىڭ راس-يالغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى ئەتراپىسدىكى ماناس، شىخەنزە، سانجى قاتارلىق جايلاردىكى باقمىچىلىق مەيدانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆردۇق. شىخەنزىدە باقمىچىلىق قىلىۋاتقان بىر خىتاي، ئۆزىنىڭ بىڭتۇەنگە تەۋە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن «مال - چارۋىلاردا يېقىندا راستىنلا كېسەل تارقاپ ھۆكۈمەت ئۇنى دەرھال كارانتىن قىلىپ، ئورا كولاپ كۆمىدىغاننى كۆمۈپ، ئاتىدىغاننى ئېتىپ، كەڭ تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىۋالدى » دېدى.
ئۇ بۇ خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ نېمىلىكىنى دەپ بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى كالا، قويلاردا ئومۇميۈزلۈك تارقالغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ماناستىكى يەرلىك ھۆكۆمەت باشقۇرۇشىدىكى بىر باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ كۆزەتچىسى بۇ مەيداندىكى قويلاردىمۇ يېقىندا ئاغزىدىن شۆلگەي ئاقىدىغان بىر خىل كېسەل كۆرۈلگەنلىكىنى، ئەمما يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورۇنلىرىدىن كېلىپ، ۋاكسىنا ۋە باشقا دورىلار ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلغانلىقىنى ۋە بۇ خىل كېسەل قويلار ساقايغاندىن كېيىن ئىستىمال قىلسا ئادەمگە يۇقمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۆزىنى قازاق مىللىتىدىن دەپ تونۇشتۇرغان بۇ خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر خىتايلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى شېركەتلەشكەن باقمىچىلىق مەيدانلىرىمۇ كۆپ قۇرۇلغان بولۇپ، بازارغا كىرگەن كېسەل ماللارنىڭ شۇلار ئارقىلىق كىرگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇسۇلمان بولغان قازاق ۋە ئۇيغۇر چارۋىچىلارنىڭ ئەزەلدىن كېسەل بولغان ماللارنى كۆمۈپ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى، ھەرگىز ساتمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇنىڭ ئاڭلىشىچە، بۇرۇنمۇ چاشقان باقىدىغان بەزى خىتايلارنىڭ كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ قالغان ماللارنى چاشقانلارغا بېرىمىز دەپ ئېلىپ كەتكەنلىكلىرىنى ئاڭلىغان ئىكەن.
ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ۋە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن يېقىندا ماناس، شىخەنزە قاتارلىق جايلاردىكى چارۋا ماللاردا بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغانلىقى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، بۇ كېسەللىك ۋىرۇسنىڭ نېمە ۋە ئىنسانغا قانچىلىك خەتىرى بارلىقى، بۇ يۇقۇملىنىشنىڭ دائىرىسى ۋە ۋاقتى قاتارلىق ئۇچۇرلار يەنىلا ئېنىقسىز. دائىرىلەرمۇ بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقاتمىدى ئەمما ئۈرۈمچى ۋە تەڭرىتاغ تورلىرىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 20-دىكابىر ئۈرۈمچىدە قوي گۆشى باھاسى تۇيۇقسىز 10 نەچچە سوم تۆۋەنلەپ 40 سومغا چۈشكەن، توڭ گۆش 30 سومغا چۈشكەن. ئۈرۈمچى بازارلىرىدىكى قوي، كالا گۆشلىرىنىڭ 50% تىن ئارتۇقىنى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىن كىرگۈزۈلگەن ماللار ئىگىلىگەن.
ھۆكۈمەتنىڭ ئىسكىلاتتىكى توڭ گۆشنى بازارغا سالغانلىقى خەۋەر قىلىندى. خەۋەردە بۇنىڭ ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى مال-چارۋىلاردا كېسەللىك تارقىلىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقى ھەققىدە توختالمىغان.