دوختۇرلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن بىر ئۇيغۇر جېنىدىن ئايرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2014-08-05
Share
ablikim-mijit-saqchi.jpg دوختۇرلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن جېنىدىن ئايرىلغان مايتاغ قاتناش ساقچىسى ئابلىكىم مىجىت ئائىلىسى بىلەن. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Ehsan

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قاراماي شەھەرلىك مايتاغ رايونلۇق قاتناش ساقچى ئەترىتىنىڭ ساقچىسى ئابلىكىم مىجىت، خىتاي دوختۇرلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن ۋاقتىدا داۋالىنالماي 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 10 دىن ئاشقاندىن ئۈرۈمچە ئالەمدىن ئۆتكەن.

بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن ئابلىكىم مىجىت ئوماق ئىككى قىز پەرزەنتىگە مەسئۇلىيەتچان دادا، مېھرىبان ئايالىنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى بولۇپ ئىللىق ئائىلىدە ھايات كەچۈرمەكتە ئىدى.

2014-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۇ، دەم ئېلىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ ئائىلىسى ۋە دوستلىرى بىلەن مايتاغنىڭ تېغىغا ساياھەتكە چىققان بولۇپ، ئۆزى ناھايىتى ساغلام ئىدى.

ئەتىسى ئەتىگەندىن باشلاپ بىئاراملىق ھېس قىلغان ئابلكىم، توختىماي قان ياندۇرۇشقا باشلايدۇ. بۇ خىلدىكى ئالامەتنى كۆرگەن ئائىلىسى ۋە دوست-بۇرادەرلىرى دەرھال مايتاغ دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدىكى ھەربىي رايون دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، دوختۇرلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن جېنىدىن ئايرىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت