ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ نوم يېزىسى گۇاڭخۇي گۇرۇھى قۇرغان خىمىيە زاۋۇتىنىڭ ئېغىر بۇلغىشىغا دۇچ كەلگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.08.13
guanghui-gwangxuy-goruhi-araturk-bulghanghan-su.jpg گۋاڭخۇي گۇرۇھى ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ نوم يېزىسىغا قۇرغان خىمىيە زاۋۇتىدىن قويۇپ بېرىلىۋاتقان كىسلاتالىق پاسكىنا سۇ (مەنبە: ئىجتىمائىي تاراتقۇ، 2015-يىل ئاۋغۇست)
Social Media


يېقىندا ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ نوم يېزىسىدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئىنكاس يېزىپ، يۇرتىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىدىن شىكايەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، گۇاڭخۇي گۇرۇھى نوم يېزىسىدا ئاچقان كۆمۈر ۋە نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدىن تىنىمسىز ھالدا كىسلاتالىق پاسكىنا سۇ قويۇپ بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا زاۋۇت تۇرخۇنىدىن كۈندە قويۇپ بېرىلىۋاتقان زەھەرلىك ئىس - تۈتەك نوم يېزىسىدىكى كېۋەز ۋە قوغۇنلۇقلارغا تەسىر قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يېزا تەۋەسىدىكى خەلقنىڭ نورمال تۇرمۇشىغىمۇ بۇلغىنىش ئېلىپ كەلگەن.

بۇ يىل يازدىن بۇيان نوم تەۋەسىدە تېمپىراتۇرا بىراقلا ئۆرلەپ ئۇدا 40 گىرادۇستىن چۈشمىگەن. زاۋۇتتىن قويۇپ بېرىلگەن كىسلاتالىق سېسىق سۇنىڭ دەستىدىن نومدىكى خەلق شۇنچە ئىسسىقتا ئىشىك - دەرىزىلىرىنى ھىم ئېتىپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.

مەلۇمكى، نوم يېزىسى ئاراتۈرك ناھىيەسىدىكى مەشھۇر جاي. ئۇ شىمالدا موڭغولىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرالىنىدۇ.

قەدىمىي تارىخقا ئىگە بۇ يۇرت قومۇل ۋاڭلىقى دەۋرىدە گۇناھكارلارنى پالايدىغان لاگېر بولغان. كېيىنكى مەزگىللەردە نوم ھاۋاسىنىڭ ساپ، تۇپرىقىنىڭ مۇنبەت بولۇشى بىلەن «قومۇل قوغۇنى» نىڭ ئېسىل سورتلىرىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاساسلىق بازىغا ئايلانغان.

ھالبۇكى، 1990 - يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىغا كەلگەندە، ۋاڭ لېچۇەننى ئارقا تىرەك قىلىپ زور ئىقتىسادىي پايدىغا ئېرىشكەن گۇاڭخۇي گۇرۇھى ئاراتۈرك ناھىيەسىدىكى بۇ خىلۋەت يېزىغا كۆز قىزارتقان.

بۇنىڭ بىلەن گۇاڭخۇي گۇرۇھى باشچىلىقىدىكى بىرقانچىلىغان خىتاي شىركەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن نوم يېزىسىدا كان ئېچىش ھەمدە كۆمۈر ۋە نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنى قۇرغان.

يەرلىك خەلقنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، بىرقانچە يىلغا بارمايلا نوم يېزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاراتۈرك ناھىيەسىدە ھاۋارايىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى، قۇرغاقچىلىق، ئېغىر دەرىجىدىكى بۇلغىنىش ھەمدە تەڭرىتاغلىرىدىكى قارلىقلاردىن ئېقىپ كېلىدىغان سۇ مەنبەلىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن.

ئىلگىرى ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدا يېزا باشلىقى بولغان نۆۋەتتە ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشتە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر كادىرنىڭ بايانلىرى بۇ ئەھۋاللارنى يەنىمۇ دەلىللەيدۇ.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇاڭخۇي گۇرۇھى نوم يېزىسىدا قۇرغان پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا تۈرلۈك خىمىيەلىك مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. زاۋۇتنىڭ تېخنىك خادىملىرىدىن تارتىپ ئادەتتىكى ئىشچىلىرىغىچە ھەممىسىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن كۆچمەنلەر تەشكىل قىلىدىكەن.

نوم يېزىسىنىڭ مەلۇم كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر دېھقانمۇ ھاۋادىكى ئېغىر بۇلغىنىش دەستىدىن كېۋەز ۋە قوغۇن مەھسۇلاتىدا چېكىنىش بولۇۋاتقانلىقىنى، ھەتتا پاختىلارنىڭ قارىداپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نوم يېزىسىدىكى يەنە بىر پېشقەدەم ئۇيغۇر دېھقان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ زاۋۇتلاردىن كۈندە كىسلاتالىق سېسىق سۇ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا «يەر - ھۆكۈمەتنىڭ» دېگەن سۆز بىلەنلا نومدىكى بوز يەرلەرنى ئىگىلەپ زاۋۇت قۇرۇۋالغانلىقىنى ئاشكارا قىلدى.

ئاراتۈرك ناھىيەسىگە قوشنا قومۇل شەھىرىنىڭ تۆمۈرتى تاغلىق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر دېھقانمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ «پۈتۈن قومۇل بوستانلىقىنى سۇ بىلەن تەمىنلەۋاتقان قارلىق تاغ ئىلگىرى بەدەندىكى تەردەك ئاستا - ئاستا ئاققان بولسا، ھازىر مۇھىتتىكى بۇزۇلۇش تۈپەيلىدىن خۇددى تومۇردىكى قاندەك ئېرىپ كېتىۋاتىدۇ،» دېگەن ئوخشىتىش بىلەن سۆزىنى يەكۈنلىدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.