ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماقتىن زەھەرلىنىشى قىزىق تاماققا ماسلىشالماسلىق ۋەقەسى دەپ يەكۈن چىقىرىلغان
2013.10.22
ئۆتكەن ئاينىڭ 26-كۈنى خوتەننىڭ لايقا باشلانغۇچ مەكتىپىدە بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىدا قىزىش، كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، شۇ كۈنى ۋە ئەتىسى جەمئىي 133 ئوقۇغۇچى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. بۇ ئەھۋال رادىئومىزغا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماقتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى، دەپ ئىنكاس قىلىنغان ئىدى. ئەمما مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر مەكتەپ مۇدىرى، بالىلارنىڭ تاماقتىن زەھەرلەنمىگەنلىكىنى، پەقەت ناشتا قىلماي كەلگەنلىكى ئۈچۈن نورمالسىزلىق بايقالغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.
خوتەن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولسا، ۋەقەنى كەسپىي تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئېنىق خۇلاسە چىقمىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن ئىگىلىشىچە خوتەن ۋىلايەتلىك يېمەك-ئىچمەك تەكشۈرۈش پونكىتى ۋەقەنى تاماقتىن زەھەرلىنىش ئەمەس، قىزىق تاماققا ماسلىشالماسلىق ۋەقەسى دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.