قازاقىستاننىڭ تاشكەنساز مەھەللىسىدە ياش پۇتبولچىلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.05.09
10-nowetlik-jumhuriyetlik-putbol-musabiqisi.jpg 10-نۆۋەتلىك جۇمھۇرىيەتلىك پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان غەيرەت كوماندىسى مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2016-يىلى 8-ماي ئالماتا.
RFA/Oyghan

10-نۆۋەتلىك جۇمھۇرىيەتلىك پۇتبول مۇسابىقىسى 7-ۋە 8-مايدا ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان تاشكەنساز يېزىسىدا ئۆتتى. ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىدىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەركىب تاپقان قىرىققا يېقىن كوماندىدىن تاللىنىپ چىققان سەككىز كوماندا ئىككى كۈن مابەينىدە مۇكاپاتلىق ئورۇنلار ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. ئەمگەكچىقازاق ناھىيىلىك ھاكىمچىلىقى ۋە «كېنتاۋر» تالانتلىق تەنھەرىكەتچىلەرنى قوللاش فوندىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، «ئىنايەت»جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۆتكەن بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدىكى غالىبىيەتنىڭ 71 يىللىقىغا ۋە ئۇيغۇرلاردىن چىققان قەھرىمان مەسىم ياقۇپوف خاتىرىسىگە بېغىشلاندى. مۇسابىقىگە ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسى، چېلەك، تاشكەنساز، غەيرەت، چونجا ۋە باشقىمۇ يېزىلارنىڭ ياش پۇتبولچىلىرى قاتناشتى.

ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ مۇسابىقىدە تاشكەنساز كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى، دوستلۇق مەھەللىسى ئىككىنچىلىكنى، غەيرەت كوماندىسى بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەپ، ھەر بىر كوماندا ئالاھىدە لوڭقا ۋە ئاخچىلىق مۇكاپاتلار، ئويۇنچىلار ۋە كوماندا مەسئۇللىرى پەخرىي يارلىق ۋە مېداللار بىلەن تەقدىرلەندى. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئالاھىدە كۆزگە چۈشكەن پۇتبولچىلار ۋە ھەۋەسكارلارمۇ مەخسۇس مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.

مۇسابىقىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان «كېنتاۋر» تالانتلىق تەنھەرىكەتچىلەرنى قوللاش فوندىنىڭ پرېزىدېنتى مەخمۇت ئىسكەندەروف، فوندنىڭ جاۋابكار كاتىپى تەلەت ھەمرايېف، تاشكەنساز يېزىسىنىڭ ھاكىمى مۇھەممەتجان سۇلتانىياروف، «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ھاكىمجان ئارۇپوفلار ياش پۇتبولچىلارنىڭ ماھارىتىنى يۇقىرى باھالاپ، قىزغىن تەبرىكلىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان غەيرەت كوماندىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ئويۇنچىسى ئاتالغان نازىم ھاكىم ھەم كوماندا ترېنېرى رىشات ئىمرەمزىيېفلار مەزكۇر مۇسابىقىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى بىلدۈردى.

ساغلام ھايات ئۈلگىسىنى شەكىللەندۈرۈش، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى مۇستەھكەملەش، ياش پۇتبولچىلارنىڭ ماھارىتىنى كۈچەيتىش ئوخشاش مەقسەتلەرنى كۆزلىگەن مەزكۇر فوند دەسلەپكى مۇسابىقىنى 2007-يىلى ياش-ئۆسمۈر تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مەخسۇس مەكتەپلىرى ئارىسىدا باشلىغان ئىدى. 2010-يىلى مۇسابىقە خەلقئارا دائىرىدە ئۆتۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەلگەن پۇتبولچىلار بىرىنچىلىكنى يېڭىۋالدى. 2011-يىلدىن باشلاپ مۇسابىقە ئالماتا شەھىرى ۋە ۋىلايىتىدىكى مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئۆتۈپ كېلىۋاتماقتا.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «كېنتاۋر» تالانتلىق تەنھەرىكەتچىلەرنى قوللاش فوندىنىڭ جاۋابكار كاتىپى تەلەت ھەمرايېف بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى م. ئىسكەندەروفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن دەسلەپكى قېتىم جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزى نامىدىن ياش پۇتبولچىلار ئارىسىدا مۇسابىقە ئۇيۇشتۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچى تۆت يىل داۋامىدا بۇ مۇسابىقىنى ئالماتا شەھىرىدە ئۆتكۈزدۇق. 4-مۇسابىقە خەلقئارالىق بولدى. ئۇ يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پۇتبولچىلىرى بىرىنچى ئورۇننى ئالغان ئىدى. بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويغان ئاساسىي مەقسەت ياشلارنى تەنھەرىكەت بىلەن تەربىيىلەشتۇر. بىز تۆت يىلدىن كېيىن مۇسابىقىلەرنى شەھەردە ئەمەس، بەلكى يېزىلاردا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق. ھازىر ئالماتا ۋىلايىتى ناھىيەلىرىدە ئۆتكۈزۈۋاتىمىز.»

ت. ھەمرايېف ئون يىل مابەينىدە بۇ مۇسابىقىلەرنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى م. ئىسكەندەروفلار ئائىلىسىنىڭ ئۆز ھۆددىسىگە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، كېيىنكى يىللاردا بۇ ئىشنى بولۇپمۇ «ئىنايەت» بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى، مەرھۇم تۇرغانجان روزاخۇنوف، ئاتاقلىق قازاقىستانلىق پۇتبولچى رۇسلان بالتىيېفنىڭ دادىسى تاھىر بالتىيېف ۋە م. ئىسكەندەروفلار بىلەن بىرلىشىپ يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا ت. ھەمرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، مەملىكەت پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ «ساغلام جەمئىيەت، ساغلام مەملىكەت» دەپ ئالدىغا قويغان كۆرسەتمىسى بويىچە ياشلارنى تەنھەرىكەت بىلەن تەربىيىلەش ئىشلىرى كەڭ قانات يايماقتا. كېيىنكى ۋاقىتلاردىلا پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھۆددىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغۇچى ئۇيغۇر يۇرتلىرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ مۇسابىقىلەر ئالاھىدە بىر مەدەنىي بايرام سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.