فىرانسىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلىدىغان كىلىمات يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ
2015.12.02
9-دېكابىر فىرانسىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلىدىغان كىلىمات يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ قىلىنغان.
فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 9-دېكابىر فىرانسىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلىدىغان كىلىمات يىغىنىغا پارىژدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، شۇ قاتاردا فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھاۋا كىلىماتى ھەققىدە دوكلات بېرىش تەلەپ قىلىنغان.
بۈگۈن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت يىغىن ھەققىدە ۋە شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بۇ يىغىنغا سۇنماقچى بولغان دوكلاتى ھەققىدە توختالدى.
ئەركىن ئابلىمىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ قېتىمقى پارلامېنتتا چاقىرىلىدىغان كىلىمات يىغىنىدا ئۇيغۇر رايوننىڭ سۇ مەسىلىسىنى، كۆچمەن مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئاساسلىقى 1964-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان 46 قېتىملىق ئاتوم سىناقلىرىدا بۇ رايوننىڭ بۇلغانغان ھاۋا كىلىماتى ۋە شۇنداقلا يادرو سىناقلىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات بېرىدىكەن.
ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە، يېقىندا ئۇيغۇر رايونىنىڭ باي ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار سىياسىي ۋەقەلەر ھەققىدىمۇ توختىلىدىكەن.
نۆۋەتتە دىققىتىڭلار بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە بولسۇن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.