3 ياشلىق ئابدۇللاھ ئابدۇۋېلى تايلاندتا يەرلىككە قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.01.05
tayland-abdullah-abduweli-3-yash-wapat.jpg تايلاندتا ھاياتىدىن ئايرىلغان 3 ياشلىق ئابدۇللاھ ئابدۇۋېلى. 2014-يىلى 23-دېكابىر، تايلاند.
RFA/Erkin Tarim

12-ئاينىڭ 23-كۈنى يېرىم كېچە سائەت 1:50 دە تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى خاتيائى شەھىرىدىكى خاتيائى دوختۇرخانىسىدا كېسەللىك سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن ئابدۇللاھ ئابدۇۋېلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن سونگكلا مۇسۇلمانلار مازارلىقىدا يەرلىككە قويۇلدى.

3 ياشلىق ئابدۇللانىڭ تۇبېركۇليوز كېسەللىكى بىلەن تايلاندنىڭ خاتيائى شەھىرىدىكى خاتيائى دوختۇرخانىسىدا قازا قىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ مېيىتىنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىپ يەرلىككە قويۇش ئۈمىدى، تۈركىيەنىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە ئۇيغۇرلار كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەمەلگە ئاشمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن ئابدۇسالام ئالىم، تۈركىيەدىن بارغان ئابدۇلقادىر تۈمتۈرك، ئابدۇسالام ئابلىكىم ۋە تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئابدۇللاھ تۇرسۇن قاتارلىق كىشىلەر بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ 3 ياشلىق ئابدۇللاھ ئابدۇۋېلىنى تايلاندتا يەرلىككە قويۇشنى قارار قىلغان.

3 ياشلىق ئابدۇللاھ ئابدۇۋېلىنىڭ مېيىتى 3-چېسلا دوختۇرخانىدىن چىقىرىلىپ، تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى خاتيائى شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتتە نامىزى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، سونگكلا مۇسۇلمانلار مازىرىدا يەرلىككە قويۇلغان. تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى ئابدۇلقادىر تۈمتۈركنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇللاھ ئابدۇۋېلىنىڭ جىنازا مۇراسىمىغا يەرلىك مۇسۇلمانلار ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. ھەممە بىردەك قولىنى كۆتۈرۈپ، ئاللاھ، ئابدۇللاھ ئابدۇۋېلىنىڭ ياتقان جايىنى جەننەت قىلسۇن دەپ دۇئا قىلغان.

ئابدۇلقادىر تۈمتۈركنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر تايلاندتىكى تۈرمىلەردە 365 ئۇيغۇر بار بولۇپ، 4 ئەتراپىدا بالا ۋاپات بولغان، ھازىر يەنە دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار بار ئىكەن. ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلار بالدۇرراق قۇتۇلدۇرۇلمىسا، بۇ خىل ئۆلۈملەر كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.