توقسۇندا تۈن نىسپىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش كىشىلەرنى ساراسىمىگە سالغان

0:00 / 0:00

25-ئىيۇن تۈن نىسپىدە تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ توقسۇن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 5.4 بال يەر تەۋرەش كىشىلەرنى ساراسىمىگە سالغان. رادىئومىز تۇرپان ۋە توقسۇندىكى مېھمانخانىلار ۋە ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلىپ ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن مەلۇم بولۇشىچە، يەر تەۋرىگەندىكى سىلكىنىش كۈچلۈك بولغان. ناھىيە ئىچىدىكى ئۆي-ئىمارەتلەردە ئۆرۈلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما يېزىلاردىكى بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە مال-چارۋا قوتانلىرى ئۆرۈلگەن ياكى دەز كەتكەن. دائىرىلەرنىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە يەنە، يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىگە قاتنايدىغان تۆمۈريول لىنىيىلىرىنىڭ تۇرپان-توقسۇن بۆلىكىنىڭ ۋاقتىنچە تاقالغانلىقى خەۋەر قىلىندى. دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ پروگراممىسىدا بولسۇن.

خىتاي ئاخبارات تورىنىڭ 25-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 1 دىن 12 مىنۇت 51 سېكۇنت ئۆتكەندە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان شەھىرى توقسۇن ناھىيىسى (شىمالىي كەڭلىك 41.6707 گرادۇس، شەرقىي مېرىدىئان 88.356 گرادۇس) دە 5.4 بال يە تەۋرىگەن، يەر تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 9 كىلومېتىر بولغان.توقسۇندا يەر تەۋرىگەن مەزگىلدە ئۈرۈمچى، سانجى شەھەرلىرىدىمۇ تەۋرىنىش بولغان. ئېگىز بىنالاردا ئولتۇرىدىغان بىر قىسىم شەھەر ئاھالىلىرى بىنانىڭ لىڭشىغانلىقىنى سەزگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، تۇرپان ۋىلايىتىدىن ئاپەت رايونى توقسۇنغا ئەۋەتىلگەن خىزمەتچى خادىملار «توقسۇندا ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى» دەپ دوكلات قىلغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە 25-ئىيۇن تۈن نىسپىدىن ئاشقان مەزگىلىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ كەلتۈرگەن زىيىنى ھەققىدە پەيشەنبە كۈنىگىچە تەپسىلىي خەۋەرلەر بېرىلمىدى. ئەمما خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 25-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە،« توقسۇندا يۈز بەرگەن 5.4 بال دەرىجىدىكى يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى، تۆمۈريولنىڭ تۇرپان-توقسۇن ناھىيىسى ئەتراپىدىكى بۆلەكلىرىدە تەكشۈرۈش، رېمونت ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى،بۇ سەۋەبتىن جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى يۈئېرگو بېكىتىدىن كورلا شىمالىي ۋوگزالىغىچە؛ باكېشۇ بېكىتىدىن قاراشەھەر ۋوگزالىغىچە، لەنجۇ شىنجاڭ تۆمۈر يولى تۇرپان ۋوگزالىدىن سەنگېجۇاڭ بېكىتىگىچە بولغان ئارىلىق قامال قىلىنىدۇ» دەپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

توقسۇندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن، تۇرپان ۋە توقسۇندىكى بىرقانچە مېھمانخانا، رېستورانلار توقسۇندىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى،يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرى قاتارلىقلار ۋە توقسۇندىكى شەھەر ئاھالىسىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

توقسۇندىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئۇرغان تېلىفونلار جاۋابسىز قالغان بولسىمۇ، ئەمما مېھمانخانىلار ۋە شەھەر ئاھالىسىگە ئۇرغان تېلېفونىمىزدىن توقسۇندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋە رامزان مەزگىلىدىكى توقسۇن-تۇرپان ۋەزىيىتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رامزان چەكلىمىسىگە دائىر بەزى ئەھۋاللار مەلۇم بولدى.

تۇرپان شەھىرىدىكى جىنشىن مېھمانخانىسىنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولغان ئايال خىزمەتچىسى 25-ئىيۇن كېچە تۈن نىسپىدىن ئاشقاندا ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق تەۋرىنىشنى ھېس قىلغانلىقىنى، كېيىن خەۋەرلەردىن ئۆزلىرىدىن نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى توقسۇندا 5.4 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ۋە تۇرپاندا قايتا يەر تەۋرەش ئەھۋالى سېزىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما مېھمانخانا خادىملىرى ۋە بۇ مېھمانخانىدا ياتاق ئالغۇچىلارنىڭ يەنىلا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان يەر تەۋرەشتىن ئەنسىرەپ،جىددىي ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەمما بۇ خىزمەتچى خادىم مۇخبىرنىڭ ئۇنىڭغا تېلېفوننى چەتئەلدىن قىلىۋاتقىنىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال گېپىنى ئۆزگەرتىپ، يەر تەۋرەشنىڭ ھېچقانداق زىيان ئېلىپ كەلمىگەنلىكى ۋە بۇ جايدا ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن ياخشىلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بايانىدا «توقسۇندا ھەممە ئەھۋال ياخشى، ھىقچانداق چوڭ زىيان بولمىدى. بۇ يەردە ۋەزىيەت ئىنتايىن ياخشى، بىخەتەرلىكىمىزدىن ئەنسىرىگۈدەك ئەھۋاللار يۈز بەرمىدى» دەپ جاۋاب بەردى.

توقسۇن ناھىيىسىدىكى دوستلۇق يولىغا جايلاشقان توقسۇن مېھمان خانىسىنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولغان خىزمەتچى خادىمى كېچە سائەت 1 دىن ئاشقاندا يۈز بەرگەن قاتتىق سىلكىنىشتە، مېھمانخانا دېرىزىلىرى جاراڭلاپ، مېھمانخانا ئالدىدىكى كوچىدىن ئۆتۈۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ سىلكىنىپ يولدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى، تەۋرەشتىن كېيىن مېھمانخانىدىكى ھەممە كىشىنىڭ قورقۇپ كوچىغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ يەنىلا قاتتىق ئەنسىرەش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭدىن يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن توقسۇن-تۇرپان بۆلىكىدىكى تۆمۈريول لىنىيىسىدە پويىز توختاپ رېمونت قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇختۇرۇشتىن خەۋىرى بار يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ سەزگۈرلۈك بىلەن بۇ ئۇختۇرۇشتىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، توقسۇندا مەيلى سىياسىي ۋەزىيەت بولسۇن ياكى باشقا ئەھۋاللار بولسۇن ھەممىسى ياخشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ۋە ئۆزىنىڭ ئالدىراشلىقىنى بىلدۈرۈپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

تېلېفونىمىز توقسۇن ناھىيە بازىرىغا يېقىن جايدىكى بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە ئۇلانغىنىدا، تېلېفونىمىزنى ئالغان ياشانغان خانىم، قولۇم-قوشنىلار بىلەن بولغان سۆھبەتتە، ئۇلار تۇرغان مەھەللىدە ۋە ناھىيە ئىچىدە ئۆي ئۆرۈلۈش ۋە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى، ئەمما توقسۇن ئەتراپىدىكى يېزىلاردىكى ئاپەت ھەققىدە رادىئو-تېلىۋىزورلاردا ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، يېزىلاردىكى ئاپەت ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خانىم تېلېفوننىڭ چەتئەلدىن ئۇرۇلۇۋاتقىنىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ يىللىق رامزان ھەققىدە توختىلىپ، توقسۇندا ئۆزىگە ئوخشاش ياشانغانلارنىڭ روزا تۇتقانلىقىنى، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ چەكلىمىسى ۋە «قوغداش» قاتتىق بولغىنى ئۈچۈن، ياشلار، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ «كۆڭۈلنىڭ ئارامى، ئائىلىدىكىلەرنىڭ خاتىرجەملىكىنى نەزەرگە ئېلىپ روزا تۇتمىغانلىقىنى» تەكىتلىدى. بۇ خانىم يەنە رامزان مەزگىلىدە چەتئەلدىن ئۇلاردىن ھال سوراپ ئۇرۇلغان تېلېفون ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.