ئۇيغۇرلارنىڭ راك كېسىلى بولۇپ ئۆلۈش نىسبىتى دۇنيا بويىچە يۇقىرى بولماقتا
2013.04.23

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈش نىسپىتىنىڭ يالغۇز خىتاي بويىچىلا ئەمەس، دۇنيا بويىچىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلدى.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ تىزلىك بىلەن ئۆرلەۋاتقانلىقىنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 23 - ئاپرىل كۈنى خەلق گېزىتى تورىدىن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە خىتايدا «مۇھىتنى قوغداپ، كېسەللىكتىن يىراق تۇرايلى» ناملىق 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش، داۋالاش تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان. پائالىيەت خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئىلىدا نەپەس يولى ئارقىلىق پەيدا بولىدىغان راك كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلاپلا قالماي، ئۆلۈش نىسبىتىمۇ زور دەرىجىدە ئارتىپ بارغان.
«شىنجاڭدا راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن يۇقىرى، بالىياتقۇ راكىنىڭ ئۆرلەش نىسپىتى ئەڭ يۇقىرى» ناملىق بۇ خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئالدىنقى قاتاردىكى يامان خاراكتېرلىك 5 خىل ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئىچىدە بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ نىسپىتى 33.14%نى، قىزىل ئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلار 23.95%نى، جىگەر راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلار 12.37%نى، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلار 7.55%نى، چوڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلار 5.11%نى ئىگىلەيدىكەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ھازىر دۇنيادىكى 7 مىليارد ئىنسان ئىچىدە ھەر يىلى يېڭىدىن بايقىلىۋاتقان ئۆسمە كېسەللىكلىرى بىمارلىرىنىڭ سانى 12 مىليون 700 مىڭ كىشى بولۇپ، ئۆلۈۋاتقانلارنىڭ سانى 7 مىليون 600 مىڭ كىشىگە يەتمەكتە. يەنى ھەر 5 سېكۇنتتا بىر ئادەم راك كېسىلى بىلەن ئۆلمەكتە. خىتاي دۇنيادىكى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت. خىتايدا يىلىغا 2 مىليون 400 مىڭ كىشى ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 1 مىليون كىشى راك بىلەن ئۆلىدۇ. ھەر كۈنى دوختۇرلار 8550 كىشىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېنىقلايدۇ. خەۋەردىن، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى بەختسىز خەلقلەر ئىكەنلىكى مەلۇم.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىدا بالىياتقۇ راكى، جىگەر راكى، كۆكرەك راكى، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىسە، شىمالىدا قىزىل ئۆڭگەچ راكى ۋە ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ.
ئۇيغۇر ۋەتىنىدە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار سانى نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر كۆپ؟ بۇ كېسەللىكلەر زادى قانداق پەيدا بولدى؟
ئۇيغۇر ئىلىدىكى تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، راكقا قارشى تۇرۇش، داۋلاش تەتقىقات ئورگىنى قاتارلىقلار تەرىپىدىن مەزكۇر خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئورتاق يەكۈنگە كۆرە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا راك كېسىلىنىڭ يامراپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان تۈپكى ئامىل مۇھىت بۇلغىنىشىدىن ئىبارەت. ئۇنداقتا، نە ماشىنىسازلىق سانائىتى، نە يادرو سانائىتىنىڭ تايىنى بولمىغان ئۇيغۇر ئىلىدىكى بۇ مۇھىت بۇلغىنىشىنى زادى نېمە كەلتۈرۈپ چىقاردى؟
ھازىر ئەنگىلىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر توختى ئەپەندى 1994 - يىلىلا بۇ خىل بىنورمال ھادىسە ئۈستىدىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى تەتقىقات نەتىجىسى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. ئۇ تەتقىقاتىدا، خىتاي بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسپىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرىلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى راك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىۋاتقان ئاساسلىق ئامىلنىڭ ئاتوم سىناقلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى رادىئاتسىيىلىك بۇلغىنىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئۇ 1998 - يىلى ئەنگىلىيە مۇخبىرلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن «يىپەك يولىدىكى ئۆلۈم» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدىمۇ ئاتوم سىناقلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن بالايى - قازالىرىنى تونۇشتۇرغان. بۇ تېما ھەر ساھەنىڭ زور دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن ئىدى.
ئەمما، خىتاي ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسپىتىنىڭ خىتاي بويىچە ئەڭ يۇقىرىلىقىنى ئىنكار قىلىپلا قالماي، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئېغىر رادىئاتسىيىلىك بۇلغىنىشنىمۇ ئىتىراپ قىلمىغان ئىدى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى خىتاينى بۇ قېتىم ئازراق بولسىمۇ راست سۆزلەشكە مەجبۇر قىلغان ئامىل ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ ئاتوم سىناقلىرىنى توختاتقاندىن بۇيان ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئاتوم رادىئاتسىيىلىرىنى تازىلاش يولىدا ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ھەمدە خىتاينىڭ تۈپكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
بىراق، خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈنگە كەلگەندە، دۆلەت ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ خىتاي بويىچە ئەڭ يۇقىرىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر راك بىمارلىرىنىڭ خىتايدىكى ئومۇمىي راك كېسەللىرى نىسبىتىنىڭ زادى قانچە پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى يەنىلا يوشۇرۇپ قالغان. «شىنجاڭدا راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن يۇقىرى، بالىياتقۇ راكىنىڭ ئۆرلەش نىسپىتى ئەڭ يۇقىرى» ناملىق بۇ خەۋەردە، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى راك ئاپىتىنىڭ خەۋپى كۆپ تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ۋە داۋالاش مەبلىغى جەھەتتە ھېچنەرسە ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.