ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتى خىتايلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتەمدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2016.11.07
hekim-eli-uyghur-tebabiti-1.jpg ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى ھېكىم ئېلى ئۇيغۇر تېبابىتى.
RFA/Arslan

ئىگىلىنىشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قانچە چوڭ ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك شىركەتلىرى تاقىۋېتىلگەن ۋە ئىلگىرى سەھىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ كېسەللەرگە تارقىتىلىۋاتقان بىر قانچە تۈرلۈك دورىلارنىڭ ياسىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ھازىر ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىخانا ئاچقان ئۇيغۇر تېۋىپلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

زەيتىبۇرنۇدىكى ھەكىم ئەلى ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت كېسەل كۆرۈش شىپاخانىنىڭ دوختۇرى ھەكىم ئەلى ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك شىركەتلىرىنىڭ تاقىلىپ كېتىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختالدى.

ھەكىم ئەلى ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە 80 كىشى ئىشلەيدىغان دورا ياساش شىركىتىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى، ئىلگىرى سەھىيە نازارىتى تەرىپىدىن مەخسۇس نومۇر بېرىپ تەستىقلانغان بىر قانچە خىل دورىلىرىنىڭ ئەمدى بازارغا سېلىنىشىغا چەكلىمە قويۇلغانلىقىنى، ھازىر 36 تۈرلۈك 2 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ سېتىلىشى چەكلىمىگە ئۇچراپ ئامباردا بېسىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەكىم ئەلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، خالمۇرات غوپۇر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر تېبابەت ئالىمىنىڭ نەچچە يۈز مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئاچقان كەلپىندىكى ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك شېرىكىتىنىڭمۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھەكىم ئەلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك ساھەسى ئىقتىسادىي ئىگىلىك تىكلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ساھە ئىكەنلىكىنى، بۇنى تونۇپ يەتكەن خىتايلار بۇ ساھەگە كۆز تىكىپ مەبلەغ سالغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلاردىن مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك ساھەسىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك شىركەتلەر تاقىلىشقا باشلىغان، ئىلگىرى سەھىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان مىللىي تېبابەت دورىلارنىڭ سېتىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان.

ھەكىم ئەلى ئەپەندى، ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك شىركەتلىرى خىتايلار بىلەن ئورتاق شېرىك بولۇپ شىركەت ئاچقان بولۇپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن خىتايلار شېرىكچىلىكتىن باش تارتىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك رېتسېپلىرىنى ئوغرىلاپ قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر دورىگەردىن ئورتاقلىقىنى بىكار قىلىپ ئىچكىرىدە ئۆز ئالدىغا ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتىگە ئالاقىدار دورا ياسايدىغان مەخسۇس شىركەت قۇرغانلىقىنى ۋە مەخپىي قولغا چۈشۈرگەن رېتسېپلاردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى ياساپ بازارغا سالغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە ئۇيغۇرزادە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك دۇكىنىدىكى خۇرشىدە خانىم بىلەن ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

خۇرشىدە خانىم سۆزىدە ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتىنىڭ تارىخى، ئەھمىيىتى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى.

خۇرشىدە خانىم، ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت شىركەتلىرى ۋە دورىلىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراش سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختالدى.

خۇرشىدە خانىم، ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت شىركەتلىرى ۋە دورىلىرىنىڭ خىتايلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر تېبابىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان، دورا ياساۋاتقان ئۇيغۇر تېۋىپلارغا چەكلىمە قويۇپ، خىتاينىڭ بىر قىسىم شىركەتلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇر تېبابىتى نامىدا ياسىغان دورىلارنى ئۇيغۇر دىيارىغا كەلتۈرۈپ سېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇرشىدە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك شىركەتلىرى تەرىپىدىن بازارغا سېلىنغان 32 سوم قىممىتىدىكى يۈرەك بوغۇم كېسەللىكلىرى مىللىي تېبابەت دورىسىنى ھازىر خىتايلار ياساپ ئەكېلىپ بىر قۇتىسىنى 850 سومدىن سېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇرشىدە خانىم، ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورا ياساش شىركەتلىرى خىتايلار بىلەن ئورتاق شېرىك بولغاندىن كېيىن خىتايلار مىللىي تېبابەت رېتسېپىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى، ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ بىر قىسىم رېتسېپلىرى خىتايلارنىڭ قولغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىمۇ ھازىر ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى ياساش زاۋۇتلىرى قۇرۇلۇپ خىتايلارغىمۇ ئومۇملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

خۇرشىدە خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتىنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ قەيەردە بولسۇن، ئۇيغۇر تېببىي ئالىملارنىڭ يېڭى ئەۋلادلارغا مىللىي تېبابەتنى ئۆگىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.