كېرىيەدە ئېغىر يەر تەۋرىدى، يەرلىكلەر تېخى قۇتقۇزۇش بۇيۇمى تاپشۇرۇپ ئالمىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.02.12
xoten-yer-tewresh.jpg خوتەننىڭ قاراقۇرۇم تاغلىق رايونىدا 7.3 بال يەر تەۋرىگەنلىك توغرىسىدا بېرىلگەن خەۋەر. 2014-يىلى 12-فېۋرال.
news.enorth.com.cn

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىبەتكە چېگرىداش كېرىيە ناھىيىسىدە چارشەنبە كۈنى يەر تەۋرىدى. خىتاي يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش-كۆزىتىش مەركىزى تەۋرەش دەرىجىسىنى 7.3 بال، دەپ ئېلان قىلدى.

دائىرىلەر جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق يەرلىك ئاھالىلەر ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق قۇتقۇزۇش بۇيۇمى تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي سېيسمولوگىيە ئىدارىسى يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش-كۆزىتىش مەركىزىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 12‏-فېۋرال كېرىيە ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 7.3 بال يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش مەركىزى قاراقۇرۇم تاغلىق رايونىدا بولۇپ، كېرىيە ناھىيىسىگە قاراشلىق ئاتچان يېزىسىنىڭ يېزا مەركىزىگە 50 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئاتچان يېزىسىغا قاراشلىق پىشكەر، تارئاغزى، تۈگمەن بېشى، ئاتچان قاتارلىق يەر تەۋرەش مەركىزىگە ئەڭ يېقىن ئاز دېگەندە 4 كەنت يەر تەۋرەشنىڭ ئەڭ قاتتىق تەسىرىگە ئۇچرىغان. خىتاي يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش-كۆزىتىش مەركىزى تەۋرەش دەرىجىسىنى 7.3 بال، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش مەركىزى تەۋرەش دەرىجىسىنىڭ 6.8 بال، ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەزكۇر ئورگان دەسلەپكى مەلۇماتىدا تەۋرەش كۈچىنى 6.9 بال، دەپ ئېلان قىلغان، بىراق كېيىنرەك بۇنىڭغا تۈزىتىش بەرگەن.

خىتاي سېيسمولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، يەر تەۋرەش بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 5:50 دە يۈز بەرگەن. لېكىن يەرلىك ئاھالىلەر يەر تەۋرەشنىڭ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 3:30 ئەتراپىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. يەر تەۋرەش رايونىدىكى ئاتچان يېزىسىنىڭ ئاتچان كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر خانىم، مەزكۇر كەنتنىڭ ئەھۋالى، يەر تەۋرىگەن چاغدىكى ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى.

بۇ كېرىيە ناھىيىسىنىڭ قاراقۇرۇم تاغلىق رايونىدا يېقىنقى بىر يېرىم يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن 2‏-قېتىملىق قاتتىق يەر تەۋرەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر رايوندا 2012‏-يىلى 8‏-ئايدا بىر قېتىم قاتتىق يەر تەۋرىگەن. 13‏-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن شۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتىدە، ئاتچان يېزىسىغا قاراشلىق كۈنەس، قاشتېشى قاتارلىق كەنتلەر قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. دائىرىلەر 4600 كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر ناھىيىدە 2008-يىلى 3‏-ئايدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 40 مىڭ ئادەم تەسىرگە ئۇچرىغان. دائىرىلەر شۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش كۈچىنى بۈگۈنكىگە ئوخشاشلا 7.3 بال، دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. بىراق، خىتاي ئاخباراتنىڭ بۇ قېتىم يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە، دائىرىلەرنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى نۇقتىلىق خەۋەر قىلىپ، ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى، يەر تەۋرەپ كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇزغۇنچىلىق، ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق ئاپەتنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە ئاساسەن توختالمىغان.

خىتاي دۆلەت كابىنېتى يېقىندا ئاپەت ئەھۋالىنى يوشۇرماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان بولسىمۇ، بىراق ئاتچان كەنتىنىڭ باشلىقى مەتتۇردى ئاخۇن، نۆۋەتتە يېزا، كەنت كادىرلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىق ئەھۋالىنى ئېنىقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاپەت ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.

يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇزغۇنچىلىق ۋە ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر تولۇق مەلۇمات يوق.

بەزى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، 350 ئېغىز ئۆي، 260 قوتاننىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاغلىق رايونلاردىكى تارقاق ئولتۇراقلاشقان، قاتناش قۇلايسىز، ئاپتوموبىل بارالمايدىغان ئاھالىلەرنىڭ ئەھۋالى مەلۇم ئەمەس.

دائىرىلەر يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ، بىر سائەت ئىچىدە 3‏-دەرىجىلىك قۇتقۇزۇش تەدبىرى دەرھال يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاپتونوم رايون، خوتەن ۋىلايىتى ۋە كېرىيە ناھىيىسى يوللىغان قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ئاپەت رايونىغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

بىراق، ئاتچان كەنتىدىكى يەنە بىر دېھقان، نۆۋەتتە ھاۋانىڭ ئىنتايىن سوغۇقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، كىشىلەر يېقىلغۇ، يوتقان كۆپە قاتارلىق بۇيۇملارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، بىراق ئۆزىنىڭ ھېچقانداق قۇتقۇزۇش بۇيۇمى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەر تەۋرەش دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى رايوندا يۈز بەرگەن.

خىتاي سېيسمولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 1-قېتىملىق يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ 3 سائەت ئىچىدە جەمئىي 143 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قېتىم 5.7 بال، 6 قېتىم 4 بالدىن 4.9 بالغىچە، 13 قېتىم 3 بالدىن 3.9 بالغىچە تەۋرىگەن. كۆپچىلىك ئاھالىلەر 5.7 بال قالدۇق يەر تەۋرەشنى ھېس قىلغان. بۇ 1-قېتىملىق يەر تەۋرەشتىن 5 مىنۇت كېيىن تەۋرىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.