ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئاتوم قوراللىرىنى يوقىتىش ۋە چەكلەشكە چاقىردى
2014.12.19
يېقىندا ئاۋسترىيەنىڭ ۋىيېنا شەھىرىدە چاقىرىلغان «3 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئاتوم قوراللىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان تەسىرى» ماۋزۇلۇق يىغىنغا 160 دۆلەتتىن كەلگەن مۇتەخەسسىس، پائالىيەتچى ۋە سىياسىيونلار قاتناشقان بولۇپ، يىغىن ئاخىرىدا ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى، دۇنيا دۆلەتلىرىنى ئاتوم قوراللىرىنى يوقىتىشقا ۋە چەكلەشكە چاقىردى. بۇرۇن مەزكۇر يىغىندا ئاتوم قوراللىرىنى قانداق قوغداش، ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى قانداق قىلىپ ئازايتىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ۋىيېنادا چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاتوم قوراللىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كەلگەن بالايى - ئاپەتلىرى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئەڭ ئاخىرىدا ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى، يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان 160 دۆلەتنىڭ ئاتوم قوراللىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كەلگەن زىيىنىنى تونۇپ يېتىپ، ئاتوم قوراللىرىنى چەكلەش، يوقىتىش ۋە مەزكۇر قورالنى ئىشلەپ چىقارغانلارنى ئەيىبلەشكە چاقىردى.
مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنىۋەر توختى ئەپەندى يىغىن ئەھلىگە خىتاينىڭ لوپنوردا ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە مۇھىتقا بولغان تەسىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
ئۇ، مەزكۇر يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاتوم سىنىقى تۈپەيلى زىيانغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا تۆلەم تۆلەشكە چاقىردى.