ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ھال سوراش خېتى يوللىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.04.20
duq-yaponiye-apet-xeliq-hal-sorash-1.jpg د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدىكى ۋەكىللەر ياپونىيەنىڭ ئىبارىكى ئۆلكىسىنىڭ جوسو شەھىرىگە بېرىپ سۇ ئاپىتىگە ئۇچرىغان خەلقلەردىن ھال سورىدى. 2015-يىلى 15-ئۆكتەبىر، ياپونىيە.
RFA/Qutluq

17-ئاپرېل، د ئۇ ق نىڭ ياپونىيەدىكى تارماق تەشكىلاتى بولغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى كۇماموتو ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ھال سوراش خېتى يوللىغان.

14-ئاپرېل ياپونىيەنىڭ كۇماموتو ئۆلكىسىدە باشلانغان 6.5 بال يەر تەۋرەش قالدۇق يەر تەۋرەش شەكلى بىلەن ئىزچىل داۋاملىشىپ، 16-ئاپرېل كۈنى سەھەردە 7.3 بال يەر تەۋرەپ ھازىرغىچە 40 تىن ئوشۇق كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئەتراپتىكى فۇكۇئوكا، ئوئىتا، كاگوشىما ئۆلكىلىرىگە تەسىر قىلىپ كيۇشۇ رايونىدا ئومۇميۈزلۈك دېگۈدەك يەر تەۋرەش پەيدا قىلغان.

يەر تەۋرەش ھازىرغىچە 3 بالدىن 6 بالغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، كۇماموتو، ئوئىتا شەھىرىدىكى كۆپلىگەن ئاھالىلەر ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ سىرتتا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان. كيۇشۇ رايونىدىكى بارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئۈزۈلۈپ قالغان.

ياپونىيەدە تەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن توكيودا تۇرۇشلۇق كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ھال سوراش خېتى يوللىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ قاتارىدا خىتاينىڭ توكيودىكى ئەلچىخانىسى ۋە فۇكۇئوكا شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسىمۇ بار.

ئۇندىن باشقا يەنە، توكيودا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغانلارغا ئۆز تەزىيەسىنى ۋە يارىلانغانلارغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈپ تۈرلۈك شەكىللەردە ھال سوراش مەكتۇبلىرىنى يوللىغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر تەشكىلات دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن ياپون ھۆكۈمىتىگە، كۇماموتو شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ۋە شۇنداقلا ياپونىيە پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» غا ھال سوراش مەكتۇپى يوللاپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ جۈملىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقلەردىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. تۇرمۇھەممەت ھاشىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن يېزىلغان ھال سوراش خېتى ھەققىدە توختالدى.

ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقان تاكاشى ساتو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ھال سوراش خېتىنى كۆرگەندىن كېيىنكى ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى بايان قىلىپ:« رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ ئىلگىرىمۇ ياپونىيەدە يۈز بەرگەن ھەر خىل ئاپەتلەرگە ھېسداشلىق بىلدۈرۈپ، ھال سوراش خېتى يوللىغانلىقى ۋە ئاپەت رايونلىرىغا بېرىپ ھال سوراش پائالىيىتى ئېلىپ بارغانلىقى ھېلىھەم ياپونلارنىڭ يادىدا بار. بۇ قېتىمقى ھال سوراش خېتىمۇ ئەلۋەتتە، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقلەرگە زور ئىلھام بولىدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىقتىساد پەنلىرى مۇتەخەسسىسى غالىپ مىجىت، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ قېتىمقى ھال سوراش خېتىگە ياپونلار يوللىغان تۈرلۈك ئىنكاسلار ھەققىدە توختالدى.

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، كۇماموتو شەھىرىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقلەرگە ياردەمدە بولۇۋاتقان ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قىسىملىرىغا ئامېرىكىنىڭ ئوكىناۋادا تۇرۇشلۇق ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرى جىددىي ياردەمدە بولغان بولۇپ، ئۇلار ئايروپىلان ئارقىلىق يېمەكلىك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن.

ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىملىرى 2011-يىلى 11-مارت يۈز بەرگەن توخوكو رايونلىرىدىكى يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقلەرگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ، ئاپەت رايوندىكى خەلقلەرنىڭ قىزغىن ماختىشىغا ئېرىشكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ياپونىيەدىكى بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئاشخانا ۋە رېستورانلىرى تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ ئاپەت رايوندىكى خەلقلەرگە يەتكۈزۈپ بەرگەن. ھەتتا مەسچىتلەردە ئاپەت رايوندىكى خەلقلەرگە ئىئانە توپلاش پائالىيىتى باشلانغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.