ئالماتادا زەھەرلىك چېكىملىك پاجىئەسىگە بېغىشلانغان رومان يورۇق كۆردى

0:00 / 0:00

يېقىندا ئالماتادىكى «مىر» نەشرىيات ئۆيىدىن قازاقىستاننىڭ تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئەزاسى ئالىمجان باۋدىنوفنىڭ «ئۆتنە ئالەم» ناملىق رومانى يورۇق كۆردى.

مەزكۇر ئەسەر بۈگۈنكى جەمئىيەت ھاياتىدىكى مۇھىم ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى-زەھەرلىك چېكىملىككە بېغىشلانغان بولۇپ، بۇ پاجىئەنىڭ ياشلار ھاياتىغا بولغان تەسىرى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇنىڭدىن تارتىۋاتقان ئازابلىرى ھەققىدە ھېكايە قىلىدۇ. زامانىۋى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا دەسلەپكى قېتىم قوزغالغان بۇ تېمىنىڭ كىتابخانلار قىزىقىشىنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شائىر ئابلىز ھېزىم مەزكۇر ئەسەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.