قەندەھار تۈرمىسىدىن يۈزلىگەن مەھبۇس قاچتى

ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى، جۈمە كۈنى قەندەھار شەھىرىدىكى تۈرمىدىن قاچقان 900 مەھبۇسنى تۇتۇش ئۈچۈن ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.

لېكىن ھەربىي ۋە سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، جۈمە كۈنى تالىبانلار تەرىپىدىن قەندەھار شەھىرىدىكى سارپوزا تۈرمىسىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم نەتىجىسىدە تۈرمىدىن قاچقان 390 نەپىرى تالىبان جەڭچىسى بولغان 900 مەھبۇسنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ قيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، تۈرمىدىن قاچقان مىلىتانلار ئاللىقاچان تالىبانلارنىڭ كونتروللىقىدىكى رايونلاردا پاناھلانغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ھەتتا ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي خادىملىرى تەرىپىدىنمۇ ناھايىتى ياخشى پىلانلانغان ۋە غەلىبىلىك ھۇجۇم دەپ ئېتىراپ قىلىنغان، جۈمە كۈنىدىكى ھۇجۇمدا تۈرمىدىن قاچقان تالىبان مەھبۇسلىرى ئارىسىدا تالىبانلارنىڭ مۇھىم قوماندانلىرى ۋە ئۆزىنى ئۈلتۈرئۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەربىيىلەنگەن تالىبان مىلىتانلىرىمۇ بار ئىكەن.

گەرچە، ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى خادىملىرى مەزكۇر ھۇجۇمنى تالىبانلار ئۈچۈن بىر غەلىبە دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھۇجۇمنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ۋەزىيەتتە بىر ئۆزگىرىشكە سەۋەب بولالمايدىغانلىقىنى، تەكىتلىمەكتە.

ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مۇنىد ماڭگالنىڭ ئېيتىشىچە، جۈمە كۈنى قەندەھار سارپوزا تۈرمىسىدىكى تالىبان مەھبۇسلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تالىبان مىلىتانتلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمغا ئونلىغان تالىبان مىلىتانتى قاتناشقان بولۇپ، ھۇجۇم جەريانىدا 7 ئافغان ساقچىسى ۋە بىر نەچچە مەھبۇس ئۆلگەن.

بۇ ئارىدا بۈگۈن ئافغانىستان يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر بومبىنىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە 4 ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلدى.