بىشكەكتە بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.08.24
2008.08.24
ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ قىرغىزىستان مەنبەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئايروپىلان بىشكەكتىن ئىراننىڭ مەشھەد شەھىرىگە قاراپ ئۇچقان بولۇپ، ئايروپىلان كۆتۈرۈلۈپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا تېخنىكا سەۋەبىدىن قايتىش تەلەپ قىلىنغان ھەم قايتىۋېتىپ، ماناس ئايرودرومىغا يېقىن جانىجەر دېگەن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن.
قىرغىزىستان جىددىي ئىشلار مىنىستىرى قامچىبېك تاشىيېۋ ئايروپىلاندا 123 ئادەم بارلىقىنى بىلدۈرگەن. قىرغىزىستان ئۇچۇر ئاگېنتلىقلىرى جىددىي قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەمدە قۇتۇلدۇرۇلغان يارىدارلارنىڭ بىشكەكتىكى دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى خەۋەر قىلىشقان.
بىراق، بۇ ۋەقەگە زادى قانداق سەۋەب بولغانلىقى تېخى ئېنىقلانمىغان بولۇپ، ماناس ئايرودرومىدا تۇرىدىغان ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسىمۇ ھەقىقەتەن ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھازىر بۇ ۋەقەدە 90 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان.