يېڭى مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئۆزبېكىستاندا

ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە قاراقالپاغىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئۆزبېكىستاندىن ئايرىلىش ھەرىكەتلىرى مەيدانغا چىقماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئىلگىرى مەلۇم بولمىغان تەشكىلات" ئەركىن قاراقالپاقىستان" ئىنتېرنېت ئارقىلىق مۇستەقىللىق تەشۋىقاتلىرىنى تارقىتىشنى باشلىغان.

ئەنگلىيە مەتبۇئاتى " سۇنداي تامىس"نىڭ يېزىشىچە، قاراقالپاقىستان ھازىر يەر شارىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ئەڭ ئېغىر بۇزۇلغان، كەمبەغەلچىلىك ، ئىشسىزلىق ھەم ئېكولوگىيىلىك بۇزۇلۇش تۈپەيلىدىن ھەر خىل كېسەللەر ئەۋجى ئالغان جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئارال كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىش مەسىلىسىدۇر.

ئەركىن قاراقالپاغىستان تاشكەنت ھۆكۈمىتىنى قاراقالپاقلارنىڭ يوقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئەيىبلەپ، قاراقالپاقلارغا مۇستەقىللىق بېرىشكە چاقىرغان.

ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، قاراقالپاغىستاننىڭ پايتەختى نۇكۇس شەھىرىدىكى قانۇن ھىمايىچىسى سالىھجان ئابدۇراخامانوۋ مۇستەقىللىق پىكرىگە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ئاساسلىقى چەتئەللەرنى كۆرگەن يېڭى ئەۋلاد ياشلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

قاراقالپاقلارنىڭ ئۆز جۇمھۇرىيىتىدىكى نوپۇسى 400 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، قارا قالپاقلارنىڭ تىلى ۋە چىراي تۇرقى ئاساسەن قازاقلارغا يېقىن، ئىلگىرى ئۇلار ئۆزلىرىنى قازاقلار بىلەن بىر مىللەت دەپ قارىغان بولۇپ، قاراقالپاق ۋە قازاق زىيالىيلىرى ستالىن قازاقلارنى پارچىلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئىككى مىللەتكە ئايرىۋەتكەن ھەمدە قاراقالپاقىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ، ئۇنى ئۆزبېكىستانغا بېرىۋەتكەن دەپ ھېسابلايدىكەن. قازاقىستان قاراقالپاقلارنىڭ قازاقىستانغا كېلىپ ماكانلىشىشىنى قارشى ئالغانلىقى ئۈچۈن 200 مىڭ قاراقالپاق ئۇ يەرگە كېتىپ يەرلەشكەن.

قاراقالپاقىستان ئاساسىي قانۇنىدا ئۆزبېكىستاندىن ئايرىلىش ھوقۇقى ئېتىراپ قىلىنغان بولۇپ، ئۆزبېكىستان پارلامېنتى بۇنى تەستىقلىسىلا بولىدىكەن. قاراقالپاقىستان سوۋېت دەۋرىدە بىئوخىمىيىلىك قوراللار سىنالغان جاي بولغانلىقى ئۈچۈن ، قاراقالپاقلار ئېغىر جىسمانىي ئاقىۋەتلەرگە قالغان.