بىر قىسىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى كوممۇنىستلارنىڭ قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلىدى

شەنبە كۈنى بالتىق دېڭىزى بويىدىكى لىتۋا، لاتۋىيە ۋە ئېستونىيە قاتارلىق ئۈچ جۇمھۇرىيەت شۇنىڭدەك ئۇكرائىنىيە ستالىن دەۋرىدە كوممۇنىستلارنىڭ بۇ خەلقلەرگە يۈرگۈزگەن قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىدە ئۆلگەن ئىنسانلارنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزدى.

رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئېستونىيە ۋە لاتۋىيە ھۆكۈمىتى شەنبە كۈنى دۆلەت بايرىقىنى يېرىم چۈشۈرۈشنى بۇيرۇق قىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق 1941 - يىلى ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ مىڭلىغان كىشىلەرنى سۈرگۈن قىلغانلىقى ۋە ئۆلتۈرگەنلىكىنى خاتىرىلىگەن. ئۇكرائىنىيىدىمۇ تۈرلۈك شەكىلدە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان.

لاتۋىيە ھۆكۈمىتى 14 - ئىيۇننى "كوممۇنىستلارنىڭ مىللىي قىرغىنچىلىقىدا قازاغا ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەش كۈنى" قىلىپ بېكىتكەن. چۈنكى بۇ كۈنى ستالىن ھۆكۈمىتى 15 مىڭ لاتۋىيىلىكنى ئوتتۇرا ئاسىياغا سۈرگۈن قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت مىڭدىن ئارتۇق ئۆسمۈر بالىلار بار ئىدى.

ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت كوممۇنىستلىرى يەنە 1937 - 1938 - يىللىرىدىمۇ كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، بىر قانچە مىليون ئائىلىنىڭ ۋەيران بولۇشى، سانسىزلىغان ئادەملەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. يېقىندا سابىق سوۋېت رەھبىرى گورباچېۋ ئەنە شۇ ستالىن دەۋرىدىكى قۇربان قىلىنغان ئادەملەر ئۈچۈن خاتىرە مۇنارىسى تىكلەشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.