ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى خىتايغا يىلىغا 30 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈدۇ
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.07.07
2008.07.07
مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇق 1818 كىلومېتىر بولۇپ، خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيىسى، تۈركمەنىستان چېگرىسىدىن باشلىنىپ ئۆزبېكىستان ۋە جەنۇبى قازاقىستاندىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قورغاس رايونىغا تۇتاشتۇرىلىدىكەن.
مەزكۇر تۇرۇبا لېنىيىسىگە ئىشلىتىلىدىغان گاز تۇرۇبىلىرى قېلىن پولاتتىن قوش لىنىيىلىك قىلىپ ياسىلىدىغان بولۇپ، ياساش قۇرۇلۇشىغا خىتاي نېفىت - تەبىئىي گاز ھەسسىدارلىق گۇرۇھى، ئۆزبېك نېفىت گاز شىركىتى ۋە قازاقىستان دۆلەتلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتى ئورتاق كۈچ چىقىرىدىكەن.
خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيىسى بىرىنچى قۇرۇلۇشى 2009 - يىلى، ئىككىنچى قۇرۇلۇشى 2010 - يىلى تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسى خىتاي 2004 - يىلى تاماملىغان ئۇيغۇر ئىلىدىن باشلىنىدىغان غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ ئىككى تۇرۇبا لىنىيىسى بىلەن خىتايغا يىلىغا 30 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزىلىدىكەن.