خىتاي - قازاقىستان چېگراچىلىرى تۇنجى قېتىم بىرلەشمە چارلاش ئېلىپ باردى

ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ چېگرا ساقلاش قىسىملىرىنىڭ بىر بىرلەشمە ئەترىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن قازاقىستاننىڭ زايسان ۋىلايىتى ئارىسىدىكى 400 كىلومېترلىق چېگرا لىنىيىسىدە بىرلىكتە چارلاش ئېلىپ بارغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.06.22

 بۇنىڭ خىتاي - قازاقىستان مۇناسىۋەت تارىخىدىكى يېڭىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 16 - ئىيۇن كۈنى خىتاي تەرەپ چېگرا مۇداپىئە پونكىتى بىلەن قازاقىستان تەرەپنىڭ چېگرا ساقلاش ئەترىتىنىڭ كوماندىرلىرى ئارىسىدىكى سۆھبەتتىن كېيىن بىرلىكتە چارلاش ئېلىپ بېرىشقا پۈتۈشۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ 16 ئادىمى جېمىنەي ناھىيىسىدىن باشلاپ، 67 نومۇرلۇق چېگرا ئابىدىسى بىلەن 26 نومۇرلۇق چېگرا ئابىدىسى ئارىسىدىكى 400 كىلومېترلىق لىنىيىدە چارلاش ئېلىپ بارغان ھەمدە ھەر بىر چېگرا ئابىدىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە خاتىرە سۈرەتلىرىگە چۈشكەن.

مەزكۇر چېگرا لىنىيىسىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ بولۇپ، تاغلىق، قۇملۇق، ئېدىرلىق ۋە ئورمانلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بولغاچقا چارلاش ئىشلىرىمۇ قىيىن بولغان. چېگرا لىنىيىسىدىكى بىر قىسىم جايلار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە تالاش - تارتىش ئۈستىدە بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا دائىم چېگرا جىدەللىرى بولۇپ تۇرغان ئىدى. قازاقىستان - خىتاي چېگرا لىنىيىلىرىنىڭ بىرى چاغانتوقايدا بولسا، 1969 - يىلى توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، سوۋېت قوشۇنلىرى ئېغىر قوراللارنى ئىشقا سېلىپ، خىتاي تەرەپنىڭ بىر چارلاش قوشۇنىنى قىرغىن قىلغان ئىدى.

1997 - يىلى قازاقىستان بىلەن خىتاي ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بىر قىسىم چېگرا لىنىيىلىرىدىكى تالاش - تارتىشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2000  - يىللارغا كەلگەندە بارلىق چېگرىلارنى ئېنىق بېكىتكەن.

بۇ قېتىمقى چارلاشنىڭ مەقسەتلىرىدە سىياسىي مەۋقە تەكىتلەنمىگەن. ئەمما، قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە زەربە بېرىش مەقسىتىدە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكى ھەمدە بۇ مەسىلە بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىملىرى تۈزگەنلىكى سىر ئەمەس.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.